موسكۋادا ئاتاقلىق ناخشا چولپانلىرى مۇرات ناسىروفقا تەقلىد قىلىپ، مۇسابىقىگە چۈشتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-03-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


يېقىندا موسكۋادا ئاتاقلىق ناخشا چولپانلىرى مۇرات ناسىروفقا تەقلىد قىلىپ، ناخشا ئېيتىپ، مۇسابىقىگە چۈشتى.

يېقىندا رۇسىيەنىڭ «1 - قانال» تېلېۋىزىيەسىدىكى مەشھۇر پروگاممىلاردىن بىرى «توچ - ۋ توچ» پروگراممىسىدا ئاتاقلىق ناخشا چولپىنى رادىئون گازمونوۋ مەشھۇر ئۇيغۇر ناخشىچىسى ۋە كومپوزىتورى مەرھۇم مۇرات ناسىروفقا ئوخشاش قىياپەتتە ياسىنىپ، دەل ئۇنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋازدا «تامبوۋنى خالايدىغان بالا» ناملىق مەشھۇر ناخشىنى ئىجرا قىلىپ، پروگرامما باھالىغۇچىلىرى ۋە كۆرەرمەنلەرنى ھاياجانغا سالدى.

مەزكۇر پروگراممىدىكى باھالىغۇچى، مەشھۇر رۇسىيە چولپىنى كازارنوۋسكايا «مۇرات ناسىروف — ئۇلۇغۋار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەرزەنتى» دەپ باھا بەردى.

ئارقىدىنلا 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى رۇسىيەنىڭ يەنە بىر داڭلىق تېلېۋىزىيە پروگراممىسى «بىرمۇ بىر»دا رۇسىيە، قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا ياخشى تونۇلغان قازاق ناخشا چولپىنى، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى بويىچە مەسلىھەتچىسى، باتۇرخان شەكېنوۋ مۇرات ناسىروفقا تەقلىد قىلىپ، مەرھۇم ناخشىكنىنىڭ «سەن دېمەك مەن، مەن دېمەك سەن» ناملىق داڭلىق ناخشىسىنى ئورۇنداپ، باھالىغۇچى ۋە كۆرەرمەنلەرنى ھاياجانغا سالدى.

مەزكۇر ئىككى قېتىملىق مۇسابىقىدە باھالىغۇچىلىق ۋە رىياسەتچىلىك قىلغۇچىلار پۈتۈن رۇسىيە ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا كەڭ تونۇلغان ئارتىستلار، مۇزىكانتلار ۋە مەدەنىيەت ئەربابلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇرات ناسىروفنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ تالانتىغا قايتىدىن يۇقىرى باھا بېرىشتى ھەمدە ئۇنى ئەسلەشتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت