مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى داۋاملىق نارازىلىق بىلدۈرمەكتە

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013-07-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئاغدۇرۇلغان مىسىر پرېزىدېنتى مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى، يەنى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمىيىتىنىڭ ئەزالىرى يەنە داۋاملىق نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى كېررى مىسىردىكى بۇ ۋەقەلەر ھەققىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزنىڭ مىسىرنىڭ دېموكراتىيىگە ئۆتۈش جەريانىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا بولغان تىلەكداشلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئالدىدا ئوباما ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ مىسىردىكى ھەر قانداق بىر پارتىيە ۋە گۇرۇھ بىلەن ئىتتىپاق تۈزمەيدىغانلىقى ۋە مىسىردىكى ھەرقانداق بىر سىياسىي گۇرۇھنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

شەنبە كۈنى مىسىر ۋاقىتلىق پرېزىدېنتى مۇھەممەد بارادىنى ۋاقىتلىق باش مىنىستىرلىققا تەيىنلىگەن، ئەمما مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمىيىتى بۇنىڭغا قارشى چىققان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت