كەشمىرگە قېچىپ چىققان 3 ئۇيغۇر مۇساپىرى ھىندىستاندىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-09-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

2013‏-يىلى لاداق يولى ئارقىلىق ھىندىستاننىڭ جامۇ-كەشمىر رايونىغا قېچىپ چىققان 3 نەپەر ئۇيغۇر جامۇ-كەشمىر يۇقىرى سوتىغا ئەرز سۇنۇپ، سىياسىي پاناھلىق سورىغان. «بۈيۈك كەشمىر» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئادىل، ئابدۇخالىق ۋە ئابدۇسالام ئىسىملىك 3 ئۇيغۇر مۇساپىر 2013‏-يىلى 6‏-ئايدا لاداق يولى ئارقىلىق ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى جامۇ-كەشمىرگە قېچىپ چىققان.

ئۇلار لاداقنىڭ لې رايونى سۇلتان چۇسۇ، دېگەن يېرىدە ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ، ئەسكەرلەر ئۇلارنى ھىندى-تىبەت چېگرا ساقچىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئۇلار ساقچىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن كېيىن شۇ يىلى 8‏-ئايدا ھىندىستان چەتئەللىكلەر قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان ۋە بىر يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

«بۈيۈك كەشمىر»گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ جازا مۇددىتى 2015‏-يىلى 1‏-ئايدا توشقان بولسىمۇ، ئەمما ھىندىستان قانۇنىغا ئاساسەن داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلغان. ئۇلار جامۇ-كەشمىر جەمئىيەت بىخەتەرلىك قانۇنىدىكى چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن چەتئەللىكلەرنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلغىچە داۋاملىق نەزەربەند قىلىش كۆرسەتمىسى بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلغان. ئەمما ئۇيغۇر مۇساپىرلار نەزەربەند ئاستىدا تۇرۇپ، جامۇ-كەشمىر يۇقىرى سوتىغا سىياسىي پاناھلىق ئەرزى سۇنغان.

ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئادۋوكاتى ساچىن گۇپتا «بۈيۈك كەشمىر» گېزىتىگە بەرگەن ئۇچۇرىدا، ھىندىستان ۋە جامۇ-كەشمىر ھۆكۈمىتىنى ئۇلارنىڭ پاناھلىق ئەرزىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرغان. ئۇيغۇر مۇساپىرلار جامۇ-كەشمىر يۇقىرى سوتىغا سۇنغان ئەرزىدە، «ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيىتى تەرىپىدىن خىلاپلىق قىلىنىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسىتىپ، ئەگەر ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە، جازالىنىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت