ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى «دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-06-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۈگۈن، يەنى 20-ئىيۇن «دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى».

ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى بويىچە ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە يەرلەشتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى ئۆز باياناتىدا تايلاندتا تۇرۇپ تۇرۇلۈۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتى ئېلان قىلغان مۇساپىرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى توغرىسىدىكى مەخسۇس بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

مەزكۇر باياناتتا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ دېرىكتورى ئالىم سېيتوفنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن: «مۇساپىرلار قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، تايلاند دائىرىلىرى چوقۇم ئۆز تەۋەلىكىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ بىخەتەر جايغا ئولتۇراقلىشىشىغا يول قويۇشى كېرەك. ئەگەردە ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ خىتايدا تۈرمىگە قامىلىشى ياكى تەن جازاسىغا ئۇچرىشى ناھايىتى ئېنىق.»

ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار 70 تىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلار رامىزاننىڭ ئالدىدا ئاچلىق ئېلان قىلغان ئىدى. 2015-يىلى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 109 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇشى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت