خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىسلامغا قارشى ھەرىكەتلەرگە مۇسۇلمان رەھبەرلىرىنىڭ سۈكۈت قىلىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-07-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە نىسبەتەن ئىسلام دۇنياسىدا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان سۈكۈت خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. بۈگۈن، ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا بۇ ھەقتە چوڭ كۆلەملىك بىر مۇلاھىزە ئېلان قىلىندى.

«ئىسلام رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرى ھەققىدە دەيدىغان بىر سۆزى يوق» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان ماقالىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرى، دىنى پائالىيەتلەرگە توسقۇنلۇق قىلىشى، روزى تۇتۇشنى چەكلەش ھەرىكەتلىرى ۋە لاگېرلاردا كىشىلەرنىڭ ئىسلام دىنىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللاردىن تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەندىن كېيىن، «بىرمۇ مۇسۇلمان رەھبەرنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ قوللىشى بىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ ھەرىكەتلەرنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىپ باقمىغانلىقى» بايان قىلىنغان. 

ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «. . . ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر مۇسۇلمان دۆلىتى رەھبىرى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى دەپ باقمىدى. ئۆزىنى دىنىي ئەقىدىنىڭ باياناتچىسىدەك قىلىپ كۆرسىتىپ كەلگەن سىياسەتچىلەر ۋە دىنىي رەھبەرلەرمۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈچى ئالدىدا سۈكۈت قىلدى. . . نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپلا قالماي، بەزىلىرى ھەتتا خىتاينىڭ زىيانكەشلىكلىرىنى قوللايدىغان دەرىجىگە يەتتى». 

ئاپتور ماقالىسىدە، يۇقىرىدىكى بۇ ئىسلام دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇنداق مەسىلىلەردە غەرب دۆلەتلىرى ۋە بولۇپمۇ ئىسرائىلىيەگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيىسى بىلەن خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەدە ئىنتايىن روشەن بىر سېلىشتۇرما بارلىقىنى، غەززەدىكى بىر ۋەقە ئۈچۈن كوچىغا چىقىدىغان مىليونلارچە كىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىرەر قېتىممۇ كوچىغا چىقىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان. ماقالىدا زىيارەت قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر بولسا بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ: «بۇ دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ ئەمەس، بەلكى مەنپەئەتنى كۆزلەپ تۇرۇپ خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشتىن بەكرەك مۇھىم دەپ قارىغانلىقتىن بولۇۋاتىدۇ» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت