ئۆزبېكىستان بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئارىلىقىدا نەمەنگان - ئۈرۈمچى ھاۋا يولى ئېچىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-09-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىسىدىكى ئىككىنچى ھاۋا يولى ئۈرۈمچى - نەمەنگان ھاۋا يولى 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن ئېتىبارەن قاتناش باشلايدىكەن.

نۇر تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆزبېكىستاننىڭ نەمەنگان شەھىرىدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان قوش يۆنىلىشلىك بۇ ھاۋا يولىدا ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بىر قېتىم ئايروپىلان ئۇچىدىكەن. بۇ لىنىيەدە ئۆزبېكىستان ھاۋا يوللىرىنىڭ بوئىن 757 تىپلىق ئايروپىلانى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن. تاق لىنىيەدە ئۇچۇش ۋاقتى تەخمىنەن 3 سائەت ئەتراپىدا بولىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى - نەمەنگان لىنىيەسىنىڭ تاق يۆنىلىشلىك بېلىتى 1700 يۈەن، بېرىش - كېلىش بېلىتى 3400 يۈەندىن باشلىنىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىلىقىدا تۇنجى قېتىم ئېچىلغان ھاۋا يولى ئۈرۈمچى - تاشكەنت لىنىيەسى بولۇپ، بۇ قېتىم ئېچىلغان ئۈرۈمچى - نەمەنگان لىنىيەسى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىسىدىكى ئىككىنچى ھاۋا يولى ھېسابلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تارىم ئويمانلىقى بىلەن پەرغانە ئويمانلىقى ئارىسىدىكى قاتناش ۋە ئالاقە يېقىنقى زامان تارىخىدا ئىنتايىن قويۇق ھالەتتە داۋام قىلغان بولۇپ، سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى مەزگىلىدە، بولۇپمۇ 1960 - يىللاردىن بۇيان ئۈزۈلۈپ قالغان. كۆزەتكۈچىلەر، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئارىلىقىدىكى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق يوللىرىنىڭ راۋانلىشىشى ئۇيغۇرلارنىڭ غەربتىكى قوشنىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ، دەپ ھېسابلىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت