ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى «نەنجىڭ قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى سوئاللاردىن ئۆزىنى قاچۇرغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016-08-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ياپونىيەنىڭ يېڭى تەيىنلەنگەن دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى تومومى ئىنادا خانىم نەنجىڭ قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى سوئاللاردىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولۇپ، بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ئۆز تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا ئىنادا خانىمنى «تارىخنى بۇرمىلىدى» دەپ ئەيىبلىگەن.

تومومى ئىنادا ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې چارشەنبە كۈنى يېڭى تەشكىللىگەن ئىچكى كابىنېتتا دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بولۇپ ۋەزىپە ئالغان ئىدى.

ئۇ، ياپونىيەدىكى قانۇن ئۆزگەرتىش تەشەببۇسچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تۈزۈلگەن ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىنى تۈزىتىپ، ياپون ئەسكەرلىرىنىڭ رولىنى ئۆزگەرتىشنى قوللاپ كەلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ياپون ئەسكەرلىرىنىڭ 1937 - يىلى سابىق خىتاي پايتەختى نەنجىڭدە 300 مىڭ ئادەمنى قىرىپ تاشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭغا ئاتاپ مۇزېيلارنى ياسىغان. ئەمما مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيەدە بىر قىسىم سىياسىيون ۋە زىيالىيلار بۇ ساننى، ھەتتا قىرغىنچىلىقنىڭ بولغانلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلمايدىكەن.

شۇڭلاشقىمۇ بۇ نۇقتا ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى نازۇك تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەنىدى.

رويتېرسنىڭ نەقىل قىلىشىچە، پەيشەنبە كۈندىكى بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا «ياپونىيەنىڭ ئۇرۇش مەزگىلدىكى ھەرىكىتىنى تاجاۋۇزچىلىق دەپ ئاتاشقا بولامدۇ؟» دېگەن سوئاللارغا دۇچ كەلگەن ئىنادا خانىم «بۇ كىمنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ قاراشقا باغلىق» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ يەنە بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا ئۆزىنىڭ جاۋاب بېرىشى مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنىمۇ بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدا: «ئۇنىڭ پاكىتلارنى ئوچۇق - ئاشكارا رەت قىلىشى ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى يوشۇرۇش ۋە مىلىتارىزمنى تىرىلدۈرۈپ خەلقئارا تەرتىپكە رىقابەت ئېلان قىلىش» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ياپونىيە بۇ يىل مارتتا ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ياپونىيە ئەسكەرلىرىنىڭ چەتئەل تۇپراقلىرىدا جەڭ قىلالماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەرگەن ئىدى.

بۇ ئەينى چاغدا خىتاينىڭ كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرۈشىگە ئۇچرىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت