ناتو ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014-12-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى كابۇلدىكى ھەربىي شىتابىدا ئافغانىستاندىكى 13 يىللىق ھەربىي ھەرىكەتنى رەسمىي ئارىلاشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىخەتەرلىك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن مۇراسىم پائالىيىتىنىڭ دېتاللىرى ھەققىدە ئالدىن - ئالا مەلۇمات تارقىتىلمىغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، ھەربىي ھەرىكەت ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئەمما يەنە 13مىڭ ھەربىي خادىم داۋاملىق ئافغانىستاندا تۇرۇپ، ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنى مەشىق قىلدۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەم كۆرسىتىدىكەن. چۈنكى، ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىلىرى ۋە بىخەتەرلىك قوغداش ئىشلىرىنى ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنى ئۆزى زىممىسىگە ئالىدۇ.

13 يىللىق ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا ناتونىڭ 140 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى ئافغانىستاندا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، بۇلار 50 دۆلەتتىن كەلگەن ھەربىي خادىملاردۇر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت