ترامپ ھۆكۈمىتى ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئوخشاش بىر ھەربىي-سىياسى ئىتتىپاق قۇرۇپ، خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنى ئويلاشماقتا ئىكەن.
«ۋاشىنگتون ۋاقتى» گېزىتى ترامپ ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە تەكىتلىشىچە، بۇ پىكىرنى ئالدى بىلەن ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېفېن بېيگۇن ئالدىنقى ئايدا ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ھىندىستان ۋە ياپونىيە «4 دۆلەت گۇرۇھى» نىڭ غەيرىي-رەسمىي ئىتتىپاقى ھەققىدىكى بىر سۆزىدە ئاشكارىلىغان.
ستېفېن بەيگۇن 31-ئاۋغۇست كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «ئامېرىكا-ھىندىستان ئىستراتېگىيەلىك دىيالوگى» ناملىق يىغىندا قىلغان سۆزىدە: «بۇ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ 2-قارار ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە ياكى ئۇ سايلىنالمىغان تەقدىردىمۇ، كېيىنكى پرېزىدېنت ئۆزىنىڭ 1-قارار ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە جىددىي ئويلىشىدىغان مەسىلە بولىدۇ،» دېگەن. «ۋاشىنگتون ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «ھەربىي ئىتتىپاق قۇرۇش، بولۇپمۇ ھىندىستان بىلەن ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ دۈشمەنلىكىگە دۇچ كەلگەن بىر پەيتتە ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ ئېھتىياجلىق مەسىلە بولۇپ قالدى،» دەپ قارايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
بۇ توغرىسىدا «ۋىلسون مەركىزى» ئاسىيا پروگراممىسىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى مايكېل كۇگېلمان مۇنداق دېگەن: «نۆۋەتتە ‹4 دۆلەت گۇرۇھى› ۋە شۇنداقلا رايوندىكى باشقا دۆلەتلەردىمۇ خىتاينىڭ ھەرىكىتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق بولۇپلا قالماي، يەر شارىنىڭ مۇقۇملىقىغىمۇ تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئورتاق تونۇش كۈچەيمەكتە.»
«ۋاشىنگتون ۋاقتى» گېزىتىنىڭ تەكىتلىشىچە، يېقىنقى ئايلاردا خىتاينىڭ خىرىسى كۈچەيگەنسېرى «ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىتتىپاقى» قۇرۇش ئامېرىكانىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ئاساسلىق مەسىلىگە ئايلانغان.