«NBA» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەشىق بازىلىرىنى قايتا ئېچىش مۇمكىنچىلىكى تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-08-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى مارشا بلەكبېرن ۋە ماركو رۇبىيولار ئامېرىكا ۋاسكېتبول ئۇيۇشمىسى «NBA» غا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەشىق بازىلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىزاھات بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ مەكتۇپ يوللىغان.

مارشا بلەكبېرن ««NBA»» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مەشىق بازىلىرىنى تاقاش ھەققىدە ئىزچىل بېسىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئىدى. ئۇ ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم «NBA» غا بۇ ھەقتە مەكتۇپ يازغاندىن كېيىن، نەتىجىدە، ۋاسكېتبول ئۇيۇشمىسى «NBA» نىڭ مۇئاۋىن كومىسسارى مارك تاتۇم 21-ئىيۇل كۈنى كېڭەش پالاتا ئەزاسى بلەكبېرىنغا جاۋاب خېتى يازغان. تاتۇم خېتىدە «NBA شىنجاڭدىكى ۋاسكېتبول ئاكادېمىيەسى بىلەن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ھېچقانداق ئالاقە قىلمىدى. بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزگە خاتىمە بېرىلدى» دېگەننى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ھالبۇكى يېقىندا ئامېرىكانىڭ «ESPN» تېلېۋىزىيەسى بۇ ھەقتە ئەپ بارغان تەكشۈرۈش خەۋىرىدە، «NBA» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەشىق بازىلىرىنى يەنە قايتا ئېچىش ئويى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇ خەۋەردە يەنە، بۇ مەشىق بازىلىرىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق خورلىنىدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئامېرىكالىق ۋاسكېتبول ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بولسا يەرلىك ساقچىلارنىڭ نازارەت قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىدەك ئەھۋاللارمۇ ئاشكارىلانغانىدى.

مارشا بلەكبېرن 6-ئاۋغۇست كۈنى تىۋىتتىردا قىلغان سۆزىدە يۇقىرىدىكى بۇ زىددىيەتلىك سۆزلەرنى تىلغا ئېلىپ، «NBA» باشلىقى ئادام سىلۋېرنى دەرھال بۇنىڭغا ئىزاھات بېرىشكە چاقىردى. شۇنداقلا ماركو رۇبىيو ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ئۇلارغا رەسمىي مەكتۇپ يوللىغانلىقىنى جاكارلىدى.

مارشا بلەكبېرن خانىم يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەسىرىنى يوقىتىش ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بىر شارائىتتا ئامېرىكادىكى ھەرساھەنىڭ جۈملىدىن تىجارەت شىركەتلىرى بولسۇن، مەيلى تەنتەربىيە ياكى كۆڭۈل ئېچىش ساھەسى بولسۇن ھەممىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقى، ئەقلىي مۈلك ئوغرىلىقى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىدەك قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازاغا تارتىشتا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت