كامبرىچ ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاينىڭ نەشرىيات ئەركىنلىكى چەكلىمىسىگە بويۇن ئەگمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-08-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كامبرىچ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن خىتايدا نەشر قىلىنىۋاتقان خىتاي پەسىللىكى ژۇرنىلى بۈگۈن تەھرىر ئىلاۋىسى ئېلان قىلىپ، ژۇرنالنىڭ تور ئامبىرىدىن ئىلگىرى چىقىرىۋېتىلگەن 300 نەچچە پارچە ماقالىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى ۋە خىتاي ھەققىدىكى تەرەپسىز ۋە مەسئۇلىيەتچان تەتقىقاتچىلىقىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ژۇرنال تەھرىرىنىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان تەھرىر ئىلاۋىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىرقانچە كۈندىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلار ئارقا-ئارقىدىن ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ ۋە ئىمزا توپلاپ مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خىتاينىڭ نەشرىيات چەكلىمىلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغاندىن كېيىن، كامبرىچ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نەشرىيات بۆلۈمى مەخسۇس بۇ ھەقتە يىغىن ئېچىپ، مەۋجۇت ئىنكاسلار ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

مۇزاكىرە نەتىجىسىدە، خىتاي پەسىللىكى ژۇرنىلىنىڭ تورىدىن چىقىرىۋېتىلگەن 315 پارچە ماقالىنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارارى ئېلىنغان.

تۈنۈگۈن خىتاي كۈندىلىك گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرى ئەگەر غەرب تەتقىقات ئورگانلىرى خىتاينىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىنى ياقتۇرمىسا، خىتايدىن ئايرىلىش ئەركىنلىكى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن. كامبرىچ ئۇنىۋېرسىتېتىغا يېزىلغان ئوچۇق خەتلەردە، خىتاينىڭ ھەقسىز تەرەپلىرىگە بويۇن ئەگمەسلىككە ۋە خىتاينىڭ دىكتاتور قائىدە تۈزۈملىرىنى خەلقئاراغىمۇ تېڭىشىغا يول قويماسلىققا دەۋەت قىلىنغان ئىدى.

كامبرىچ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەنگلىيەدىكى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ قەدىمىي ۋە ئىلمىي نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتتۇر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت