خىتاي ئارخېئولوگلىرى نىلقا ناھىيىسىدىن 4900 يىل بۇرۇنقى بىر قەبرىستانلىقنى بايقىغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-11-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنى قېزىش ۋە تەتقىق قىلىش ئورنى يېقىندا نىلقا ناھىيىسىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدىكى ئەڭ قەدىمىي بىر قەبرىستانلىقنى بايقىغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مەزكۇر قەبرىستانلىقنىڭ بۇنىڭدىن 4953-4937 يىل ئىلگىرىكى دەۋرگە ئائىت ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئارخېئولوگلىرى «قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزلىرىنى جىددىي قۇتقۇزۇش» دېگەن نام ئاستىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غۇلجا تەۋەسىدە بۇ يىل 5‏-ئايدىن 7‏-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر قېزىش ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نىلقا ناھىيىسىدىن بايقالغان مەزكۇر قەبرىستانلىقتىن مىس، تۆمۈر ۋە تاش قوراللار، ئالتۇن بۇيۇملار، زىبۇزىننەتلەر، ساپال-قاچىلار ۋە يېمەكلىكلەر بايقالغان.

قېزىشقا قاتناشقان خىتاي مۇتەخەسسىس يۈەن چيۇروڭ، مەزكۇر قەبرىستانلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ھازىرغىچە بايقالغان تارىخى ئەڭ قەدىمىي قەبرىستانلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىلى ۋادىسىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى يەنە 1000 يىل ئۇزارتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۆزىنىڭ خۇلاسىسىدە مەزكۇر قېزىلمىلارنى پاكىت قىلىپ كۆرسىتىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ غەرب مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ ئۇزۇن بىر تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ئارخېئولوگ يۈەن چيۇروڭنىڭ بۇ سۆزى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تارىخچىلارنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كەلدى. ئامېرىكىدىكى يىپەك يولى تەتقىقاتچىسى قاھار بارات ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ھەرقانداق بىر ساھەسىدە ۋە ھەرقانداق بىر پۇرسەتتە، پاكىتلارنى بۇرمىلاش ياكى خاتا ئىزاھلاش ئارقىلىق «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى» دېگەن كونا تەشۋىقاتىنى بازارغا سېلىشتىن ۋاز كەچمەي كەلمەكتە، دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت