ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ليۇ شاۋبونىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ 5 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-12-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى تۈرمىدىكى خىتاي يازغۇچى ليۇ شاۋبونىڭ «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنلىكىنىڭ 5 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

10-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ باياناتتا خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ليۇ شاۋبونىڭ تۈرمىدە يېتىۋاتقان بىردىنبىر نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئۇلار باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلققە قارىتىلغان كونترولنى ئاشۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتىۋاتقان بىر شارائىتتا، ليۇ شاۋبودەك كىشىلەرنى ئۆزىگە بىر تەھدىت دەپ قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن نومۇس قىلىشى كېرەك» دېدى. ئۆكتىچى يازغۇچى ليۇ شاۋبو 2009-يىلى 11-ئايدا «دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ، 2010-يىلى 10-دېكابىر كۈنى ئۆزىگە بېرىلگەن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بۈگۈنكى باياناتلىرىدا يەنە، خىتايدا تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئىلھام توختى، جاڭ كەي، خۇ جيا قاتارلىق باشقا ۋىجدان مەھبۇسلىرىمۇ ئەسلەپ ئۆتۈلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت