نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتىنىڭ رەئىسى كۇلمان خانىم راك كېسەللىكى بىلەن 65 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-02-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن، يەنى 20- فېۋرال كۈنى نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتىنىڭ رەئىسى كۇلمان خانىم راك كېسەللىكى ئېغىرلىشىپ كېتىشى سەۋەبلىك 65 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

ئۇ 2003-يىلىدىن بۇيان نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئۆكتىچى ليۇ شاۋبو، سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋە ئىرانلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى شېرىن ئابادىلەرنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىدە ئەڭ ئاخىرقى قارارنى چىقارغان ئاچقۇچلۇق شەخس ئىكەن.

كۇلمان خانىمنىڭ ۋاپاتى نورۋېگىيە خەلقى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنى مۇسىبەتكە چۆمدۈرگەن.

نورۋېگىيە باش مىنىستىرى ئېرنا سولبەرگ فېيسبۇك ئارقىلىق ئۆز قايغۇسىنى ئىپادىلەپ، «ئۇ، ياش بىر ئەۋلاد ئاياللار ئارىسىدىكى بىر مۇنەۋۋەر ئۈلگە ئىدى» دېگەن.

كۇلمان خانىم 1951-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، 1989-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە نورۋېگىيەنىڭ سودا مىنىستىرى، 1991-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە نورۋېگىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى بولغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت