خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيىسىنىڭ نورۇز بايرىمىنى قازاقىستانلىقلارنىڭ بايرىمى دەپ تەشۋىق قىلىشى ئىنكاس قوزغىدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017-03-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

نورۇز ئۇيغۇرلارنىڭ، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، كاۋكاز، بالقان قاتارلىق رايونلاردا ياشايدىغان تۈركىي تىللىق مىللەتلەر بىلەن ئىران تىللىق مىللەتلەردىن بولۇپ جەمئىي 500 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ خەلقئارالىق يېڭى يىل بايرىمى.

ئۈچ-تۆت مىڭ يىللار بۇرۇن پەيدا بولغان ئوموم خەلق بايرىمى. ھالبۇكى، خىتاي مەركىزى تېلىۋېزىيىسى 13-قانىلىدا قازاقىستاندىكى نورۇز بايرىمى ھەققىدە، 21-مارت كۈنى بەرگەن مەخسۇس خەۋىرىدە «نورۇز بايرىمى قازاقىستانلىقلارنىڭ باھار بايرىمى، يېڭى يىلى، نورۇز دېگەن سۆز قازاقچە باھار، يېڭى باشلىنىش دىگەن سۆز» دېگەندەك، نورۇز بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا مۇجىمەل بىر تەرەپلىمە تونۇشتۇرۇلۇشى، قەدىمدىن تاترىپ نورۇزنى مىللىي بايرام سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردا ئىنكاس پەيدا قىلدى.

2009-يىلى ب د ت مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى نورۇز بايرىمىنى،«ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى»تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ب د ت يىغىنىدا قارار ماقۇللىنىپ، 3-ئاينىڭ 21-كۈنى «خەلقئارا نورۇز بايرىمى-دۇنيا تىنچلىق، مەدەنىيەت كۈنى»دەپ بېكىتكەن.

فېيسېبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدە، خىتاي تاراتقۇسىدىكى بۇ ناتوغرا چۈشەندۈرۈش، مەسئۇلىيەتسىزلىك، تارىخنى مەقسەتلىك بۇرمىلاش دەپ تەنقىد قىلىنماقتا. تارىخي مەنبەلەردىن مىسال ۋە ئىسپاتلار كەلتۈرۈلگەن مۇلاھىزىلەردە «نورۇز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ھەم ئېسىل ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرى بىلەن تۇيۇنغان ئەڭ كاتتا بايرىمى، ئەۋلادمۇ ‏-ئەۋلاد ئەزىزلەپ كېلىۋاتقان قۇتلۇق بايرام، ئەجداتلىرىمىز ئۇنى قەدىمدە «يىل بېشى» ياكى «كۈن تۇغدى»دەپ ئاتاپ بايرام قىلىپ كەلگەن.

ئەمەليەتتە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا نورۇز بايرىمىنى ئۇيغۇر ئېلىدا سىياسي مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تەشۋىقات سۆپىتىدە قوللىنىپ، بۇنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن تەرىپلەپ، ھازىرقى قوشماق تۇغقان بولۇش سىياسەتلىرىگە باغلاپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم، ئۇيغۇرلار بولسا «خىتاي ھۆكۈمىتىنى، نورۇز بايرىمىنىڭ ئۇيغۇرلارغىمۇ خاس قەدىمى ئەنئەنىۋىي مىللىي بايرام ئىكەنلىكىدەك تەرەپلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا، ھەتتا ئۇنتۇلدۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ»دەپ تەنقىد قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت