خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى نۇر بەكرىنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-03-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى، خىتاي ئىسلاھات-تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نۇر بەكرىنى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنى، ئۆزىنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر نۇر بەكرى سوتلانسا، ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 64 يىللىق تارىخىدا قانۇنى جازاغا تارتىلغان تۇنجى رەئىسى بولۇپ قالىدىكەن.

بۇ يىل 57 ياشلىق نۇر بەكرى 2018‏-يىلى 20‏-سېنتەبىر كۈنى رۇسىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بېيجىڭ ئايرودرومىغا قونغاندا تۇتقۇن قىلىنغان.

شۇنىڭدىن بېرى ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئېلان قىلىنىپ باقمىغان ئىدى. لېكىن، خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ 16‏-مارت كۈنى ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر ئاخىرى ئۇنى تەپتىش ئورگانىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلغان.

خوڭكوڭدىكى بەزى تاراتقۇلار ئىلگىرى ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تۈزگەن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ دەرسلىك كىتابى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە، مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەرسلىك كىتاب تۈزۈش گۇرۇپپىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ، دەرسلىك كىتابلىرىدا پانتۈركىزم ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى تەكىتلەنگەن ئىدى. لېكىن، خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، دەرسلىك كىتاب مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان.

ئۇقتۇرۇشتا ئۇنىڭ «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئائىلىسىگە ھەقسىز مەنپەئەت ساقلىغانلىقى، شامالغا قارشى يول تۇتقانلىقى، ھەشەمەتلىك زىياپەتلەرگە چاقىرسا بارغانلىقى، سوۋغات قوبۇل قىلغانلىقى، ئىسراپخورلۇق قىلغانلىقى، ئەخلاقىي چىرىكلەشكەنلىكى ۋە تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە ماسلاشمىغانلىقى. . . . . . .» قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

نۇر بەكرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. چۈنكى، ئۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەڭ ئاكتىپ ئىشلىگەن ئۇيغۇر ئەمەلدار، دەپ قارىلىپ كەلگەن.

ئۇ «قوش تىل» مائارىپىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ سىقىپ چىقىرىلىشى، قەشقەر قەدىمىي شەھەر رەستىلىرىنىڭ چېقىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈرۈلۈشى، «5 ‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىكى پوزىتسىيەسى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبلىك ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۇر بەكرىنىڭ جازاغا تارتىلىشى خىتايدا ھېچقانداق ئۇيغۇرنىڭ بىخەتەرلىك ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت