نۇربەكرى پارتكوم مۇئاۋىن سېكرىتارىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014-12-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ پارتكومدىكى ۋەزىپىلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي ھەيئەت باشلىقى شۆھرەت زاكىر ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى دىققەت قوزغىدى.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 30 - دېكابىردىكى خەۋىرىدە نۇربەكرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپترونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسى ھەققىدە توختالمىغان. فىرانسىيە رادىئوسىدا ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ،«ئۆتكەن ئىككى يىلدا شىنجاڭدا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى كۆپەيدى. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ 1961 - يىلى تۇغۇلغان نۇربەكرىنىڭ خىزمىتىنى بېيجىڭغا يۆتكەپ، 1953 - يىلى تۇغۇلغان شۆھرەت زاكىرنى ئۇنىڭ ئورنىغا تەيىنلىشى پەۋقۇلاددە ئەھۋال» دېيىلدى.

نۇربەكرى 2007 - يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى 7 يىل ئۆتىدى. بۇ مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىگە قارشى 2009 - يىلىدىكى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نارازىلىق نامايىشى يۈز بەردى. 2010 - يىلى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى رايون ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى 19 - ئۆلكىنىڭ ئېچىشىغا بۆلۈپ بەردى. 2010 - يىلى يەنە، پارىخورلۇق ۋە قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزۈش بىلەن نامى چىققان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەننى بېيجىڭغا يۆتكەپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەننى تەيىنلەندى. ئەمما 2012 - يىلدىن 2014 - يىلغىچە رايوندا بارغانچە كۆپەيگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە قانلىق توقۇنۇشلار ئۇيغۇر ئېلىنى تىنجىماس زېمىنغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۆتكەن ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدىغانلىق خەۋىرى تارقالغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇ خەۋەرنى دەلىللىمىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت