نۇر بەكرىنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزە غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-10-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلار «ۋاڭ بەكرى» دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن سابىق قورچاق رەئىس نۇر بەكرى ھەققىدە نۆۋەتتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان مۇلاھىزىلەر چەتئەللەردىكى مۇھاجىرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

ئامېرىكىدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئەڭ بازارلىق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدىن بىرى بولغان «مىڭجىڭ» تورى 20-ئۆكتەبىر كۈنى تارقاتقان سىن مۇلاھىزىسىدە رىياسەتچى خې پىن مەخسۇس نۇر بەكرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە توختالغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار بىردەك نۇر بەكرىنى «مەركەزگە يارىغان، ئەممە ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمىغان» دەپ قارايدىكەن. ئەمما ھازىر دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتقان نۇر بەكرى 2007-يىلىدىن 2014- يىلىغىچە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق رەئىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «تېررورلۇق» ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالالمىغان، شۇڭا بۇ جەھەتتە مەلۇم دەرىجىدە مەسئۇلىيىتى بار، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

خې پىننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدا «قوش تىللىق مائارىپ» زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلغان مەزگىللەردە مائارىپ نازارىتى ئۇيغۇر مەكتەپلەر ئۈچۈن ئىشلىگەن دەرسلىك كىتابلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىنى ئۇرغۇتىدىغان كۆپلىگەن تېكىستلەرنى سەپلىگەن. ئەمما شۇ ۋاقىتلاردا رەئىس بولۇپ ئىشلەۋاتقان نۇر بەكرى بۇ خىل «بۆلگۈنچىلىك» خاھىشىدىكى ئەھۋاللارنى بايقىيالمىغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ دەرسلىك ماتېرىياللار ئون يىلدىن ئارتۇق ئىشلىتىلگەن.

خې پىننىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، نۇر بەكرى «پارتىيە تەربىيەلىگەن كادىر» بولسىمۇ يۇقىرىقىدەك «ئىككى يۈزلىمىلىك» قىلمىشلىرى سەۋەبلىك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولالمىغان. مۇھاجىرەتتىكى كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «نۇر بەكرىنىڭ بۇنداق ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇشى ھېلىھەم خىتاي ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بىر ئاشكارا سىگنال،» دېيىشمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت