نۇر ئىمان: «مەن ئۈلگىلىك ئۇيغۇر بولساممۇ، لېكىن خىتاي يەنىلا ئائىلەمنى مەندىن تارتىۋالدى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-10-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى نۇر ئىمان ئابدۇرېشىت 8‏-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكانىڭ «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ قەشقەردىكى ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ھېساب بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

مەزكۇر ماقالە خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېردىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بۇ يىل يازدا ئاتالمىش «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىكى 90% كىشىنىڭ قانۇن ۋە ماھارەت ئۆگىنىپ، جەمئىيەتكە قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. لېكىن، نۇر ئىمان ئابدۇرېشىت، «مەن ئۈلگىلىك ئۇيغۇر بولساممۇ، لېكىن خىتاي يەنىلا ئائىلەمنى مەندىن تارتىۋالدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، «بېيجىڭ لاگېردىكى كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، ئۇنداقتا مېنىڭ ئاتا-ئانام قېنى؟» دەپ سوئال قويغان.

نۇر ئىمان ئابدۇرېشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ قەشقەر كونا شەھەردىكى سايباغ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاپتوموبىل تىجارەتچىسى بولغان دادىسى 54 ياشلىق ئابدۇرېشىت توختى، ئائىلە ئايالى بولغان ئانىسى تاجىگۈل قادىر، قېرىندىشى ئەمەتجان ئابدۇرېشىت ۋە مۇھەممەتەلى ئابدۇرېشىتلار لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن.

نۇر ئىمان ئابدۇرېشىت ماقالىسىدە، 2017‏-يىلى 6‏-ئايدىن باشلاپ ئائىلىسى بىلەن بولغان پۈتۈن ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكى، 2 يىل مابەينىدە ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئائىلىسىنىڭ بىردىن بىر گۇناھى ئۇيغۇر بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ چەتئەلدە ئوقۇغانلىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ: «شىنجاڭدا باستۇرۇشنىڭ ئېغىرلىشىشى بىلەن، چەتئەل ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سىياسىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىردىن بىر مەنبەسى بولۇپ قالدى. لېكىن بېيجىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئۆز خەلقىمىزنى تىرىك تۇتۇپ تۇرۇشىمىزنىڭ ئۆزىنى بىر تەھدىت بولۇپ قالدى. كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان سىياسىي گۇمانخورلۇق مۇھىتىدا تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ھەرقانداق ئالاقە. . . . ئازغۇنلۇق ياكى مۇستەقىللىقنى قوللاش بېشارىتىگە ئايلىنىپ قالماقتا» دېگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، لاگېردىكى بەزى كىشىلەر قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش، تۈرمىلەرگە قامىلىشتەك تۇتقۇنلۇقنىڭ باشقا خىل شەكىللىرىگە مەھكۇم قىلىنماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت