ئوباما بېيجىڭدىكى ئۇچرىشىشتا خىتاي دائىرىلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغداشقا چاقىرغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014-11-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۇن بارراك ئوباما بېيجىڭدا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي دائىرىلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغداشقا چاقىرغان.

بېيجىڭدىكى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن:

«بىز جۇڭگونىڭ بىلىم - پاتېنت ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىنتېرنېت ئارقىلىق باشقا ئەللەرنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاشنى رەت قىلىدىغان ھەقىقىي بازار ئىگىلىكى سىستېمىسىدىكى بىر دۆلەتكە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگونى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغداشقا چاقىرىمىز. بىزنىڭ بۇ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىشىمىز، ھەرگىزمۇ بىزنىڭ پايدىمىز ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئەڭ مۇھىمى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈندۇر.»

ئوباما نۇتقىدا يەنە خىتاي دائىرىلىرىنى ياش ئەۋلاتلارغا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتى يارىتىشقا، ئىشچىلارغا تەشكىللىنىش ۋە ئۆزىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش ھوقۇقى بېرىشكە چاقىرىق قىلغان.

بارراك ئوباما بېيجىڭغا سەپەر قىلىشنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىرقانچە ئەزالىرى ئۇنىڭدىن بېيجىڭدىكى ئۇچرىشىشتا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى مەلۇم.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان ياخشىلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى تېخىمۇ يامانلىشىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت