ئوباما: سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىمىيىلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىگە سۈكۈت قىلىشقا بولمايدۇ

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013-08-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما جۈمە كۈنى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىمىيىلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىگە سۈكۈت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گەرچە ئۇ، سۈرىيەدىكى ھەربىي نۇقتىلارغا زەر بېرىش ياكى بەرمەسلىك مەسىلىسىدە بىر قارارغا كەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، خەلقئارالىق ئۆلچەم بۇزۇلغان ئىكەن بۇنىڭغا چوقۇم ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ سۈرىيەدىكى خىمىيىلىك قورال ھۇجۇمغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇلمىغانلىقىنىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئوباما مۇنداق دېدى: بىر نەچچە يۈز بىگۇناھ بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھەتتا ئۇرۇش مەزگىلىدىمۇ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، دەپ قارالغان قورالدا ئۆلتۈرۈلگەندە بۇنىڭغا ھېچقانداق ھەرىكەت قوللىنىلمىسا، ئەنە شۇ چاغدا بىز خەلقئارالىق ئۆلچەملەر ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىكەن، دېگەن خاتا سىگنالنى بەرگەن بولىمىز. بۇنى چۈشىنىشىمىز بەكمۇ زۆرۈر. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىت تۇغدۇرىدۇ.

بەشىر ئەل ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ بىگۇناھ پۇقرالارغا خىمىيىلىك بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە پارلامېنتى سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلىش مەسىلىدە بىلەت تاشلىغان، ئەمما قارار ماقۇللانمىغان ئىدى.

نۆۋەتتە سۈرىيەگە ھەربىي ئىنكاس قايتۇرۇش پىكرىنى فىرانسىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر كۈچلۈك قوللىماقتا.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئوبامانىڭ مۇشۇ بىر نەچچە سوتكا ئىچىدە سۈرىيەگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت