ئوباما ھۆكۈمىتى سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنى قورال ياراق بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013-06-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەزكۇر قارارىدىن خەۋەردار ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىغا بېرىلىدىغان قورال ياراقلار، يېنىك تىپتىكى قوراللار، ئوق - دورا ۋە تانكىئاتار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئوباما ھۆكۈمى نۆۋەتتە سۈرىيىدە ئۇچۇش چەكلىگەن رايون بەرپا قىلىش ۋە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە پىيادىلىرىنى كىرگۈزۈشى ئويلاشمىغان.

ئورما ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈندىكى باياناتىدا ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ قوزغىلاڭچىلارغا خىمىيىلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى بىلدۈرگەن ۋە: سۈرىيە قىزىل سىزىقتىن ئۆتۈپ كەتتى، دېگەن ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ ياردەمچى دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى بەك ئودەس جۈمە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: بىز سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىغا بېرىلىدىغان ياردەم كۆلۈمنى كېڭەيتىمىز، دېدى.

خەۋەرلەرگە قارىغان سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىغا يەتكۈزۈلىدىغان بۇ ھەربىي ياردەم ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدرىسنىڭ قولى ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىكەن.

سۈرىيىدە ئىككى يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشتا 90 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت