ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ «ئوچۇق لاگېر» غا تەشكىللىنىشى خىتاي ئاخباراتىدا يەر ئالدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-07-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ئاقتۇ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تورى» نىڭ 23-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسىدىكى دېھقانلار 2019-يىللىق «پارتىيەگە سادىق بولۇش» تېمىسىدىكى تەربىيەلەش پائالىيىتىگە تەشكىللەنگەن.

بۇ قېتىملىق تەربىيەلەش ئۈچ باسقۇچلۇق بولۇپ، ھەر بىر باسقۇچى ئۈچ كۈنلۈك ئىكەن. خەۋەردە بۇ قېتىملىق «تەربىيەلەش» ئارقىلىق پارتىيەگە سادىق بولۇش ئىدىيەسىنىڭ «مېڭىگە ۋە يۈرەككە چوڭقۇر ئورنىشى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نىشان قىلىنغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.

«تۇرپان ھۆكۈمەت تورى» نىڭ 24-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بولسا تۇرپاندىكى بىر قىسىم دېھقانلار ۋە پېنسىيەگە چىققان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ «شىنجاڭغا دائىر بىرنەچچە تارىخىي مەسىلە» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئۆگەنگەنلىكى، ئۇلارنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» ۋە ئىسلام دىنى ئۇقۇملىرى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولغانلىقى ئېيتىلىدۇ.

ئىلگىرىكى مەلۇم بولغان بەزى ئۇچۇرلاردا مىليونلاپ كىشى لاگېرلارغا قامىلىش بىلەن بىرگە يەنە مىليونلىغان كىشىنىڭ «سىياسىي ئۆگىنىش» ئۈچۈن ئەتىگەندىن كەچكىچە «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە ئۆگىنىش قىلىدىغانلىقى، پەقەت كەچقۇرۇن ئۇخلاش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتىدىغانلىقى، بەزىلەرنىڭ بۇنداق جايلارنى «ئوچۇق لاگېر» دەپ ئاتايدىغانلىقى ئېيتىلغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى خەۋەرلىرى بولسا بۇ ئۇچۇرلارنىڭ راستلىقىنى يەنە قېتىم دەلىللىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت