ئابدۇلھەكىم ئىدرىسنىڭ ئوچۇق خېتى ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەنى قايتا ئەسكەرتتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-04-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ئورتاق بولغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىغا 1962-يىلىدىكى زور قاچ-قاچ ۋەقەسىدىن كېيىن چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسىنىڭ كېسىپ تاشلانغانلىقىدەك رېئاللىقنى ئەسلىتىدىغان نۆۋەتتىكى جۇدالىق مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق بۇ زۇلۇملارنى پاش قىلىشقا ئۈندىمەكتە.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇلھەكىم ئىدرىسنىڭ «ئانامغا مەكتۇپ» نامىدا ئېلان قىلغان ئوچۇق خېتى بۇ جەھەتتىكى يەنە بىر ئۈلگىلىك ئەمگەك سۈپىتىدە 28-ئاپرېل كۈنى «زىمىستان» تورىدا ئېلان قىلىندى. مەكتۇپتا ئابدۇلھەكىم ئىدرىس مۇھاجىرەتتىكى مىڭلىغان ئۇيغۇرغا ئوخشاش 21-ئەسىردەك ئىلىم-پەننىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان مەزگىلىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىشتەك ئەقەللىي ھەقلىرىنىڭمۇ يوقلۇقىنى يىپ ئۇچى قىلغان ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇملارنى بىرنەچچە تەرەپتىن كۆرسىتىپ بەردى.

بولۇپمۇ مەزكۇر ئوچۇق خەتتە ئابدۇلھەكىم ئىدرىس خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قەدەم قويغان كۈندىن ئېتىبارەن ئۇيغۇرلارنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن خاراب قىلىش پىلانىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلىرىنىڭ ئاللىقاچان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرنى ئۆز ۋەتىنىدە تۇرالماستىن چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغانلىقى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھېچيەرنى ئالا قويماي قاپلىغان زۇلۇم تورىنىڭ ئەمدىلىكتە مىڭلىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئۈچۈن «مۇقەددەس كىچىك ۋەتەن» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ئائىلە بوشلۇقىغىچە يېيىلىۋاتقانلىقىنى ئۆزىنىڭ شەخسىي كەچمىشلىرى ئاساسىدا بايان قىلىپ بېرىدۇ.

مەزكۇر ئوچۇق خەتتە يەنە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىيەت دۇنياسىدىكى غوللۇق چۈشەنچىلەردىن بولغان «ۋەتەنگە بولغان ئاشىقلىق» ھەمدە «ۋەتەندىن ئىبارەت بۇ مەشۇق ئۈچۈن جاندىن كېچىش» نىڭ پەيتى كېلىۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.

ئابدۇلھەكىم تاشقى دۇنيادىكى دېموكراتىك چوڭ مۇھىتتا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەرنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتەك مەجبۇرىيىتىنىڭ مۇھاجىرەت ھاياتىدا ئۇلار قىلالايدىغان ئەڭ چوڭ خىزمەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنداقلا ئۆزى ۋە ئايالى روشەن ئابباسنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەركىبىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇن، مەجبۇرىي ئەمگەك، بىر غېرىچ يەرنى ئالا قويماي ھەممە ناھىيە-شەھەرلەرنى قاپلىغان لاگېرلار، پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغانلىقىدەك رېئاللىقنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە نامايىشلاردىن تولۇق پايدىلانغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ھەرقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نومۇسسىز شەكىلدە ئۆچ ئېلىشىغا سەۋەب بولۇپ، ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئون-يىگىرمىلەپ قاماققا ۋە لاگېرغا مەھكۇم بولغانلىقىنىمۇ بايان قىلىدۇ. ئەمما ئابدۇلھەكىم ئانىسىغا ئوخشاش مىڭلىغان ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ «بالىلىرىمىز ۋەتەندىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئۆينى قوغدىسۇن» دېگەننى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمايدىغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

ئاپتور ئاخىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇمدىن چاچلىرى ئاقارغان مىڭلىغان ئانىلارنىڭ قان-ياشلىق دۇئالىرىغا ئارىلىشىپ كەتكەن خىلۋەتتىكى تىلەكلىرىنىڭ جەزمەن ئىجابەت بولىدىغانلىقىنى، چۈنكى ھەقنىڭ ھەرقاچان باتىل ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ: «بىزمۇ چوقۇم كۆرۈشىمىز، جېنىم ئانا. يا بۇ دۇنيادا، يا ئۇ دۇنيادا!» دەپ خىتاب قىلىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت