ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ «ئوچۇق خەت» ئېلان قىلىش دولقۇنى داۋاملاشماقتا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017-05-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى مەيدانىنى ئىپادىلەش، خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىگە ساداقىتىنى ئىپادىلەپ، «ئىككىيۈزلىمىچىلىك» كە قارشى مەيدانىنى ئىپادىلەش دولقۇنى داۋاملاشماقتا.

16-ماي كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن پارتىيە گۇرۇپپا سېكرېتارى نىشان ئىبراھىمنىڭ شىنجاڭ گېزىتىدە ئېلان قىلغان ئوچۇق خېتىدە، ئۇيغۇرلارنى خىتاي دۆلىتىنىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا چاقىرىپ، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەرگە يانتاياق بولماسلىق» نى تەكىتلىگەن. نىشان ئىبراھىمنىڭ ئوچۇق خېتىدە يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قانۇن ساھەسىدە ئىشلىگۈچى خىزمەتچىلەرنى «مىللىي بۆلگۈنچىلەر ۋە زوراۋان تېررور گۇماندارلىرىغا قارىتا قانۇننى ئىجرا قىلىشتا ھەرگىزمۇ يۇمشاقلىق قىلماسلىق، بىرلەشمە مۇش بىلەن زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇش» ۋە «ئىككىيۈزلىمىچى بولماسلىق» قا چاقىرغان.

ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان «ئوچۇق خەت ئېلان قىلىش» دولقۇنى خەلقئارادىكى تاراتقۇلاردا «ئۆز-ئۆزىنى تىللاش، خىتاي كومپارتىيەسىگە ساداقىتىنى بىلدۈرۈش دولقۇنى» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان بولسا، خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرى ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە ئاتالمىش «ئوچۇق خەت» ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسى ۋە دۆلىتىگە ساداقىتىنى ئىپادىلەشكە مەجبۇرلىنىش دولقۇنىنى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن سىياسىي ئاشقۇنلۇق دەپ تەرىپلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت