ب د ت شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو سىنىقىنى ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017-05-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 15-ماي دۈشەنبە چۈشتىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ 29-ئاپرېل ۋە 14-ماي كۈنلىرىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى ئەيىبلىدى ۋە شىمالىي كورېيەدىن ئىنسانىيەتكە تەھدىت بولۇۋاتقان بۇ خىل يادرو قوراللىرى سىناقلىرىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، شىمالىي كورېيە 29-ئاپرېلدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىدىن كېيىن، 14-ماي يەكشەنبە يەنە ‹مارس 12› ناملىق يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بەرگەن بولۇپ، شىمالىي كورېيەنىڭ 14-ماي كۈنىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئامېرىكا، رۇسىيە، خىتاي، جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.

خەلقئارادىكى ئانالىزچىلار شىمالىي كورېيە قويۇپ بەرگەن مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئوتتۇرا مۇساپىلىك، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن ۋە ئەينى چاغدا شىمالىي كورېيە سىناق ئېلىپ بارغان مەزگىلدە بېيجىڭدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىكىدە بېيجىڭدا «بىر بەلۋاغ بىر يول» ھەمكارلىق يىغىنى ئېچىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا س ن ن تېلېۋىزىيەسى شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى رۇسىيەنىڭ ۋىلادىۋىستوك شەھرىگە 60 ئىنگىلىز مىلى كېلىدىغان جايغا چۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت