ئوچۇق خەت ئارقىلىق ئىپادە بىلدۈرۈش پېنسىيىگە چىققان رەھبىرى كادىرلارغا تۇتاشتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-06-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتى بىۋاسىتە تەشكىللەپ ئېلىپ بېرىۋاتقان پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئۇيغۇر كادىرلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنى ۋە «ئىككىيۈزلىمىچىلەر» نى ئەيىبلەپ ئوچۇق خەت ۋە بايانات ئېلان قىلىش دولقۇنى داۋاملىشىپ، بۇ ئەھۋال نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پېنسىيىگە چىققان سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلىرىغا يەتكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» يېقىندا ئىككى نەپەر پېنسىيىگە چىققان رەھبىرى كادىرنىڭ ئوچۇق خېتىنى ئېلان قىلدى

پېنسىيىگە چىققىنى خېلى ئۇزۇن ۋاقىت بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ۋە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مەمتىمىن زاكىر باياناتىدا ئۆزىنىڭ ئەسلى كەمبەغەل بىر ئائىلىدە تۇغۇلۇپ، كومپارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئۇيغۇر مىللىتى تارىختىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى» دەپ كۆرسەتكەن شۇنىڭدەك يەنە «چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى ‹ئۈچ خىل كۈچ› ئاۋات، باي، ئىناق، مۇقىم بولغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى كۆرۈشنى خالىمىدى. ئۇلار ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇپ، شىنجاڭنى قالايمىقانلاشتۇرۇش غەرىزىدىن يانمىدى» دەپ ئەيىبلىگەن شۇنىڭدەك يەنە ئۆزىنىڭ «ۋەتەننىڭ بىرلىكى» نى ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ پېنسىيىگە چىققان سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى خەلچەم ئىسلاممۇ ئوخشاش توندا ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ھەققىدە توختىلىپ: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا، بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈنىمىز بولمىغان بولاتتى، بۇنىڭغا ئۆزۈم جانلىق مىسال بولالايمەن» دېگەن شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ غەمخورلۇقىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئاخىرى ئۆلكە دەرىجىلىك كادىر بولغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا كۈچەپ يولغا قويۇلۇۋاتقان، ئەمما خىتاينىڭ باشقا ئۆلكە شەھەرلىرىدە يوق بۇ خىل ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ «ئىككىيۈزلىمىچى» ۋە «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىش ۋە قەسەمياد يىغىنلىرىغا تەشكىللىنىپ قەسەم بېرىش پائالىيەتلىرى خىتايدا «بالايىئاپەتلىك 10 يىل» دەپ نام ئالغان «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نى ئەسلىتىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت