ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرى 20 دۆلەت باشلىقلىرىغا قارىتا ئوچۇق مەكتۇپ ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016-08-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

31-ئاۋغۇست كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا تىبەت تورى، جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئىنسان ھەقلىرى ئۇچۇر مەركىزى قاتارلىق چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بەش تەشكىلات خاڭجۇدىكى يىغىنغا قاتنىشىدىغان 20 دۆلەت باشلىقلىرىغا قارىتىپ ئوچۇق مەكتۇپ ئېلان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلات تور بەتلىرىدە بۈگۈن ئېلان قىلىنغان بۇ مەكتۇپتا خىتاينىڭ 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ھارپىسىدا ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان بىر تۈركۈم بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغانلىقى، چەتئەللەردىكى ئاممىۋى تەشكىلات پائالىيەتچىلىرىگىمۇ يولسىز چەكلىمىلەر قويغانلىقى پاكىت ۋە مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئوچۇق مەكتۇپتا مەھبۇس پروفېسسور ئىلھام توختى ۋە نوبېل ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ قويۇپ بېرىلىشى مەسىلىسىدە ھېچقانداق بىر ئىجابىي ئالامەت يوقلۇقى ئەسكەرتىلگەن.

تەشكىلاتلار ئوچۇق مەكتۇپنىڭ ئاخىرىدا تۈرمىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، خاڭجۇ ئاھالىلىرىنىڭ ھاياتىنىڭ نورمالغا قايتۇرۇلۇشى قاتارلىق تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 20 دۆلەت باشلىقلىرىنى بۇ جەھەتتە شى جىنپىڭ ۋە يەرلىك ئەمەلدارلار بىلەن سۆزلىشىشكە دەۋەت قىلغان.

ئوچۇق خەتكە يۇقىرىقى 3 تەشكىلاتتىن باشقا خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلار فېداراتسىيەسى ۋە خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتنىڭ باشلىقلىرىمۇ ئىمزا قويغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت