ئۇكرائىنا پارلامېنتى ۋېكتور يانۇكوۋېچنى خەلقئارا سوتتا سوتلاش قارارى ئالدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014-02-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇكرائىنا پارلامېنتى بۈگۈن قېچىپ كەتكەن دۆلەت رەئىسى ۋېكتور يانۇكوۋېچنى خەلقئارا سوتتا سوتلاش ھەققىدىكى بىر قارار لايىھىسىنى ماقۇللىدى.

مەزكۇر لايىھە پارلامېنتتا كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشكەن. قاراردا ۋېكتور يانۇكوۋېچ نامايىشچىلارغا قارشى شىددەت قوللىنىپ، 100 دىن ئارتۇق نامايىشچىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

گوللاندىيەنىڭ لاھېي شەھىرىدىكى خەلقئارا سوت بولسا، يانۇكوۋېچ ئۈستىدىن داۋا ئېچىش ئۈچۈن ئۇكرائىنا پارلامېنتىدىن رەسمىي بىر تەلەپ كېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېكتور يانۇكۇۋېچ قېچىپ كەتكەندىن بۇيان ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم رۇسلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان سىۋاستاپولدىكى رۇسىيە دېڭىز ھەربىي بازىسىدا كۆرۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا، ھازىر ئۇكرائىنانىڭ ئىقتىسادىي كرىزىس پاتقىقىغا پېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بىر قىسىم ئۇزۇن ۋە قىسقا مۇددەتلىك مالىيە پىلانلىرى ئۈستىدە جىددىي مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت