قىرىم تاتارلىرى نامايىش قىلىپ، قىرىمنىڭ ئۇكرائىنىيەدىن ئايرىلىپ رۇسىيەگە قېتىلىشىغا قارشى چىقتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-02-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

چارشەنبە كۈنى قىرىم پايتەختى سىمفېروپولدا رۇسلار بىلەن كىيېفنى قوللايدىغان ئۇكرائىنلار ۋە يەرلىك تاتارلار ئىككى تەرەپ بولۇپ نامايىش قىلدى.

كىيېفپەرەس ئۇكرائىنلار بىلەن يەرلىك تاتارلار قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قېتىلىپ كېتىشىگە قارشى تۇرۇپ، كىيېف ھۆكۈمىتىنى قوللىدى. بىراق قىرىمدا كۆپ سانلىق رۇسلار قاچاق پرېزىدېنت يانۇكوۋىچنى قوللاپ، زۆرۈر تېپىلسا رۇسىيەگە قوشۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ساقچىلار ھەر ئىككى تەرەپنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ، نامايىشنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ساقلانغان.

لېكىن قىرىم پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ۋلادىمىر كونستانتىنوۋ، ئۇكرائىنىيەدىن ئايرىلىپ چىقىش مەسىلىسى پارلامېنت مۇزاكىرە كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلە ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان. قىرىم تاتارلىرىنىڭ رەھبىرى رېفات چۇباروف بولسا خەلقنى قوغداش ئەترىتى تەشكىللەپ، زوراۋانلىق ۋە ئىغۋاگەرچىلىكتىن قوغدىنىشقا چاقىرغان.

چار رۇسىيە 18‏-ئەسىردە بۇرۇن ئوسمانلىغا تەۋە قىرىم خانلىقىنى مۇنقەرز قىلىپ ئۆزىگە قوشۇۋالغان ھەم كۆپلەپ رۇس نوپۇسى يۆتكىگەن. سوۋېت دەۋرىدە 1954‏-يىلى قىرىم ئۇكرائىنىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. بۇنىڭدىن ئاۋۋال سوۋېت ھۆكۈمىتى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان يەرلىك تاتارلارنى 1944‏-يىلى ناتسىست گېرمانىيەسى بىلەن ھەمكارلاشقان، دېگەننى باھانە قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سىبىرىيەگە سۈرگۈن قىلغان.

دائىرىلەر ستالىندىن كېيىن ۋە ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە قايتىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. نەتىجىدە تاتارلار قىرىمدا ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. بۇ قېتىم تاتارلار ئۇكرائىنىيە غەربكە يېقىنلىشىپ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرسە، بۇ ئۆزلىرىگە پايدىلىق، دەپ قاراپ كىيېف ھۆكۈمىتىنى قوللىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت