قىرىمدىكى دۆلەت بىنالىرىنىڭ قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىشى ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014-02-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇكرائىنادىكى رۇسلار كۆپ سانلىقتا ياشايدىغان قىرىم شەھىرىدىكى دۆلەت بىنالىرىغا كىملىكى ئېنىق بولمىغان قوراللىق كىشىلەر بېسىپ كىرگەن. بۇ كىشىلەر ئىگىلىۋالغان بىنالارغا رۇسىيە بايرىقىنى ئاسقان ۋە شۇنداقلا «قىرىم رۇسىيەنىڭ» دېگەن خەت يېزىلغان پلاكاتلارنى ئاسقان.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نەق مەيداننى كۆرگەن شاھىتلار بۇ قوراللىق كىشىلەردىن كىملىكىنى سورىغاندا، ئۇلار پەقەت «بىز رۇسىيە» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ۋەقەدىن كېيىن ئۇكرائىنانىڭ بۈگۈن تەيىنلەنگەن باش مىنىستىرى ئارسېنىي ياتسەنيۇك بايانات بېرىپ رۇسىيەنى ئالاقىدار شەرتنامىلەرگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى ۋە شۇنداقلا «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى پارچىلايدىغان ھەرىكەتلەردىن ئۇزاق تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېدى.

ئۇكرائىنادا سابىق دۆلەت رەئىسى يانۇكوۋېچ ئاغدۇرۇلغاندىن بۇيان،دۆلەتتە رۇس تەرەپدارلىرى بىلەن ھازىرقى يېڭى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى قوللىغۇچىلار ئارىسىدا زىددىيەت كەسكىنلەشمەكتە. كۆزەتكۈچىلەر قىرىمدىكى بۇ قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەت بىناسىنى بېسىۋېلىشىنى مانا بۇ زىددىيەتنىڭ بىر پارچىسى، دەپ قارىماقتا. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش سېكرېتارى رامۇسسېن قىرىمدىكى ۋەزىيەتنىڭ كىشىنى ئەندىشىلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە رۇسىيەنى ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرىدىغان قەدەملەرنى تاشلىماسلىققا چاقىردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت