ئاق ساراي رۇسىيەنى ئۇكرائىنىيەگە مۇداخىلە قىلىش زور خاتالىق بولىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-02-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاق ساراي جۈمە كۈنى رۇسىيەنى ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىپ، ئۇكرائىناغا ھەر قانداق شەكىلدىكى مۇداخىلە زو خاتالىق بولىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ئاق ساراي باياناتچىسى جېي كارنېي بۇ سۆزلەرنى قوراللىق كىشىلەرنىڭ ئۇكرائىناغا قاراشلىق قىرىمدىكى ئىككى ئايرودرومنى ئىشغال قىلغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەردىن كېيىن قىلدى.

ئۇ، قوراللىق كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاۋاتقانلىقى، ۋاشىنگتون بىر چەتئەل دۆلىتىنىڭ ئۇكرائىناغا مۇداخىلە قىلغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەر قانداق مۇداخىلە زور خاتالىق بولىدۇ، دېدى.

يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئۇكرائىنا ئەمەلدارى، جۈمە كۈنى ئىككى مىڭ كىشىلىك رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ قىرىم پايتەختى سىمفېروپول ئەتراپىدىكى بىر ئايرۇدۇمىغا قونغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رۇسىيەنى رەسمىي ئۇكرائىناغا مۇداخىلە قىلىش بىلەن تەنقىد قىلغان.

ئامېرىكا سابىق ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى يانۇكوۋىچ رۇسىيەگە قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، كىيېف ھۆكۈمىتىنى ئۆتكۈزۈۋالغان دېموكراتىك كۈچلەرنى قوللىغان ئىدى.

جۈمە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى يانۇكوۋىچنى ئۇكرائىناغا رەھبەرلىك قىلىش قانۇنى سالاھىيىتى يوق، دەپ ئېلان قىلدى. دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جېين ساكى، يانوكوۋىچنىڭ ئۇكرائىنادىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بىز يانوكوۋىچنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىدىن باش تارتقاندىن باشلاپ، ئۇنىڭ قانۇنى سالاھىيىتىنى يوقاتقانلىقىغا ئىشىنىمىز، دېدى.

ئاق ساراي باياناتچىسى جېي كارنېينىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى رۇسىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىدە، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت