موڭغۇل ئۆكتىچى ھۆكۈمەت ئۈستىدىن ئۆزىنى قانۇنسىز نەزەربەند قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ ئەرز قىلىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-12-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ يىل 9‏-دېكابىر تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئىچكى موڭغۇللۇق سىياسىي ئۆكتىچى خادا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۈستىدىن ئۆزىنى قانۇنسىز نەزەربەند قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خادا 1992‏-يىلى «جەنۇبىي موڭغۇلىيە دېموكراتىك ئىتتىپاقى» ناملىق پارتىيە قۇرۇپ، موڭغۇللارغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان.

بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. ئۇ 2010‏-يىلى قويۇپ بېرىلىشى كېرەك بولسىمۇ، بىراق دائىرىلەر ئۇنى 4 يىل ئارتۇق نەزەربەند ئاستىدا تۇتۇپ تۇرغان. خادا ۋە ئۇنىڭ ئايالى شىننا پەيشەنبە كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە ئەرز قىلىش سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، 4 يىل قانۇنسىز نەزەربەند قىلىنغاندىن سىرت، ئوغلىغا قانۇنسىز زەھەرلىك چېكىملىك ساقلىغان، دەپ زىيانكەشلىك قىلىنغانلىقى ئۈستىدىنمۇ ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتايدا ئەدلىيىنى كومپارتىيە كونترول بىلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا سوت ئەرزنى قوبۇل قىلماسلىقى مۇمكىن. بىراق شىننانىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا كۆكخوت شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتنىڭ 18 ياشلىق موڭغۇل بالا خوگجىكتۇنىڭ دېلوسىنى ئاغدۇرۇپ، ئۇنى گۇناھسىز، دەپ ئېلان قىلىشى ئۇنى ئىلھاملاندۇرغان.

كۆكخوت شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت 1996-يىلى 18 ياشلىق خوكجىكتۇنى «باسقۇنچىلىق»، «قاتىللىق» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈمگە بۇيرۇپ، ئىجرا قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت