ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى مەسئۇللىرىنىڭ ئىسمى قارا تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014-04-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتى-ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن 2011-يىلدىن باشلاپ ۋەخپە مەسئۇللىرىغا قويۇلغان «چەتكە چىقىش چەكلىمىسى» 8-ئاپرېل پاكىستان سوتى تەرىپىدىن بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، 29-ئاپرېل كۈنى يەنە، ئۇلارنىڭ ئىسمى پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قارا تىزىملىكىدىن پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلىنىپ، ۋەخپە مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرىنىڭ چەتئەلگە ئەركىن چىقىپ-كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 2011-يىلدىن باشلاپ پاكىستان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئۆمەرخان، ئەنىۋەرخان، ئابدۇقېيۇم قاتارلىق 5 كىشىنىڭ چەتئەلگە چىقىشى پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەلىپى بويىچە پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن چەكلەنگەن. ئۇلار، 2011-يىلى 6-ئايدا تۈركىيەدە ئېچىلغان «شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار ئۇچرىشىشى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن كېتىۋاتقىنىدا، پاكىستان ئايرودروم خادىملىرى ئۇلارنىڭ «چەتكە چىقىشى چەكلەنگەن كىشىلەر» تىزىملىكىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشىغا يول قويمىغان.

ئۆمەرخان ۋە ئەنىۋەرخان ئاكا-ئۇكىلار ئادۋوكات تۇتۇپ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۈستىدىن داۋا ئاچقان. 3 يىلغا سوزۇلغان ئۇزۇن مەزگىللىك دەۋادىن كېيىن،2014-يىل 4-ئاينىڭ 8-كۈنى پاكىستان يۇقىرى سوتى قارار چىقىرىپ، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى مەسئۇللىرىنىڭ «چەتكە چىقىشى چەكلەنگەن كىشىلەر» بۇيرۇقىنى ئاساسسىز دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ چەتكە ئەركىن چىقىپ‏-كىرىشىگە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت