ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى پاكىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى ئىككى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016-08-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆتكەن ئايدا فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ۋە تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان قېرىنداشلار ئۇچرىشىشى پائالىيىتىنىڭ 6 نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. قېرىنداشلار يىغىنىغا قاتناشقان پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ باشلىقى ئۆمەرجان دۆلىتىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەزكۇر ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغان. ئۇ پاكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە 5 - قۇرۇلتاينىڭ سايلام نەتىجىسى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ يوليورۇقىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرلىكتە، قېرىنداشلار يىغىنى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلغان.

ئۇنىڭ، دۇنيادىكى 18 دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن تونۇشۇش جەريانى ۋە ئۇلارنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى دوكلاتى ئاڭلىغۇچىلارنى ھاياجانلاندۇرغان. ئىككى يىغىننىڭ روھىدىن ۋاقىپ بولغان پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قېتىلىدىغانلىقى ھەققىدە پوزىتسىيە ۋە تەسىرات بايان قىلغان.

پىكىرلەر (2)
Share

RFA

دىن Uyghur

مۆھتەرەم ئاڭلىغۇچىمىز، ئالدى بىلەن پروگراممىمىزنى دىققەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئاڭلىغىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز.

خەۋەردە 8-قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ 6-قېتىملىق بولۇپ يېزىلىپ قېلىشى، مۇخبىرىمىزنىڭ دىققەتسىزلىكى، ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ ئەمەس، بۇ تۈزەتمىڭىز ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.

پارىژدىكى يىغىن مەسىلىسىدە مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۆمەر ئۇيغۇر ئىستانبۇلدىكى يىغىندىن كېيىن، قەيسەرىدىكى تايلاندتىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى يوقلىغان. بۇ جەرياندا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك بىلەن كۆرۈشكەن، سېيىت تۈمتۈرك ئۇنىڭغا 5-قۇرۇلتاينىڭ جەريانى، خۇلاسىسى ۋە چاقىرىقلىرىدىن مەلۇمات بەرگەن ۋە ئۇنىڭغا قۇرۇلتاينىڭ روھىنى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزۈشنى تاپشۇرغان.

ئۆمەر ئۇيغۇر يەنە ئىستانبۇلدىكى ۋاقتىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ 5-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزۈشنى ھاۋالە قىلغان. بۇ تېمىدا بېرىلگىنى پەقەت قىسقا خەۋەر بولغاچقا (ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈنكى ئىمكانلاردا تور ئارقىلىقمۇ خەۋەر تاپقىنى بولىدىغان بولغاچقا) ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ 5-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى نەدىن بىلگەنلىكى ئەسكەرتىلمىگەن.

مۇخبىرىمىزنىڭ پاكىستاندا كۆپىنچە ھاللاردا ئۆمەر ئۇيغۇر ئاكا-ئۇكا ۋە ئابدۇقېيىمدىن ئىبارەت ئاشكارا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۈچلا كىشىنى زىيارەت قىلىۋاتقىنى رېئاللىق. ئەگەر سىز مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلالايدىغان يەنە بىرنەچچە كىشىنىڭ ئالاقە ئۇچۇرلىرىنى تەۋسىيە قىلىپ بېرەلىسىڭىز، مۇخبىرىمىزغا تېخىمۇ يېقىندىن ياردەم بەرگەن بولاتتىڭىز. رەھمەت سىزگە، ئاڭلىتىشلىرىمىزغا داۋاملىق پىكىر بېرىپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى

Aug 16, 2016 12:48 PM

ئۆمەر خالىس

دىن ئۇيغۇر

ئەسسالام ئەلەيكۇم ئەركىن ئاسىيا رادىئۇسى مەسئۇلى، پاكىستان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى توغرىدا توختىماي خەۋەر بېرىۋاتىسىلە، ئەمما تەك مەنبە ئۆمەر ئۇيغۇر، ئۇ ئۆزىنى ئۆزى ئاڭلىتىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ دىگەنلىرى قانچىلىك توغرا قانچىلىك يالغان ئېنىق ئەمەس. ئەمەلىيىتتىن بەكرەك يىراق گەپلەرنى قىلىدىكەن، كۆپتۈرىدىكەن. بۇ يۇقىرقى خەۋەردىمۇ ئىستانبۇلدا ئېچىلغان قېرىنداشلىق يىغىنىنى 6-قېتىملىق دەپتۇ ئەمەلىيەتتە 8-قېتىملىق يىغىن. ئۆمەر ئۇيغۇر پارستىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ يىغىنىغا بارمىغان تۇرسا قۇرۇلتاينىڭ يىغىنىنىڭ روھىنى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزدى دېيىلگەن، ئەقىل بار مەنتىق بار، بىر ئاز ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ خەۋەر ئىشلەڭلار بولمىسا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ نامىغا داغ چۈشۈرۈپ قويۇسىلەر

Aug 13, 2016 11:09 PM

تولۇق بەت