ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاينى فالۇنگوڭچىلار، ئۇيغۇر ۋە باشقا مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىشنى توختىتىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-07-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى چارشەنبە كۈنى قارار لايىھىسى ماقۇللاپ، خىتاينىڭ فالۇنگوڭچىلار، ئۇيغۇر ۋە باشقا دىنىي، ئېتنىك گۇرۇھلارغا مەنسۇپ مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ ئىشلىتىشنى توختىتىشقا چاقىردى.

قارار لايىھىسىدە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن خىتاينىڭ ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈش مەسىلىسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈپ ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇزۇندىن بۇيان، خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ دوختۇرخانىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ ۋە ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىلگىرى بۇ توغرۇلۇق بىر قانچە قېتىم گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرغان.

قارا لايىھىسىدە، كانادالىق ژۇرنالىست ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئېتان گۇتماننىڭ دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، دوكلاتتا 2000-يىلدىن 2008‏-يىلغىچە تەخمىنەن 65 مىڭ فالۇنگوڭ مۇرىتىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ ئىچكى ئەزاسى ئېلىۋېلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئېتان گۇتمان 1990‏-يىللىرىدىن باشلاپ خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىشقا كىرىشكەنلىكىگە ئائىت دەللىلەرنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چارشەنبە كۈنى ئاۋام پالاتا تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا ماقۇللانغان مەزكۇر قارار لايىھە، ئەمدى ئاۋام پالاتا ئومۇمى مەجلىسىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنۇلىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت