ئۆركەش دۆلەت تولۇق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلمىغۇچە خىتاي ۋەزىيىتىنىڭ ئوڭشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-01-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

1989-يىلى خىتايدا قوزغالغان ئوقۇغۇچىلار دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى ئۆركەش دۆلەت، 20-يانۋار ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدا ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلمىغۇچە خىتاي ۋەزىيىتىنىڭ ئوڭشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

20-يانۋار ب ب س ئاگېنتلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «20-يانۋار دېموكراتىيە كۈنى مۇھاكىمە پروگراممىسى»غا قاتناشقان ئۆركەش دۆلەت، خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، «خىتاي كومپارتىيىسى پەقەت ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىلا مەۋجۇت بولۇش ۋاقتىنى ئۇزارتالايدۇ»، دېدى. ئۆركەش دۆلەت يەنە خىتاينى ھازىر داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىقتىسادىي ئىسلاھات بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سىياسىي تۈزۈلمە جەھەتتىنمۇ تولۇق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.

2015-يىلى ئەنگلىيەدە ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 20-يانۋار كۈنى ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى بىلەن ئەنگلىيە تۆۋەن پالاتاسى بىرلىكتە «دېموكراتىيە كۈنى مۇھاكىمە پروگراممىسى» ئۇيۇشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېموكراتىك ئەربابلارنى بۇ پائالىيەتكە تەكلىپ قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت