ئۆركەش دۆلەت بېيجىڭ ۋە تەيبېي ھۆكۈمەتلىرىنىڭ «بىر جۇڭگو سىياسىتى»نى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-12-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

1989‏-يىلىدىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن ئۆركەش دۆلەت، خىتاي ۋە تەيۋەن ھۆكۈمەتلىرىنىڭ «بىر جۇڭگو سىياسىتى» نى قاتتىق تەنقىد قىلغان.

ئۆركەش دۆلەتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گومىنداڭ پارتىيەسى ۋە ئۆكتىچى دېموكراتىيە ئالغا پارتىيەسىنىڭ «بىر جۇڭگو مەسىلىسى»دىكى پوزىتسىيىسى ئۇنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن.
شۇ سەۋەبلىك ئۇ، تەيجۇڭ شەھەرلىك پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىشنى قارار قىلغان. ئۆركەش دۆلەت چارشەنبە كۈنى تەيبېي شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيەنىڭ 1992‏-يىلى ھاسىل قىلغان بىر جۇڭگو ھەققىدىكى «ئورتاق تونۇشى»نى ئەخمىقانە يالغانچىلىق، دېگەن.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە دۇنيادا پەقەت بىرلا جۇڭگو بار، ئۇ بولسىمۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بىر جۇڭگونى قوبۇل قىلىشى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قانۇنلاشتۇرۇپ بەرگەنلىك. خالاس.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن تەيبېي ھۆكۈمىتى 1992‏-يىلى «بىر جۇڭگو» ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان. ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان كېلىشىم بويىچە تەرەپلەر جۇڭگونىڭ پەقەت بىرلا جۇڭگو ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئۆز ئالدىغا شەرھلەشنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئۆركەش دۆلەت 1996‏-يىلدىن بۇيان تەيۋەندە ياشاپ كەلمەكتە. ئۇ، يېقىندا كېلەر يىلى 2‏-ئايدىكى تەيجۇڭ شەھەرلىك پارلامېنت سايلىمىغا مۇستەقىل نامزات سۈپىتىدە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت