خىتاينىڭ ئوتتاۋادىكى ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر پائالىيەتچىنى ھاقارەتلىگەن، خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ قىلمىشىنى «ۋەتەنپەرۋەرلىك» دېگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-02-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ئوتتاۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى كانادانىڭ مەكماستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇشنى ھاقارەتلىگەن خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ قىلمىشىنى «ۋەتەنپەرۋەرلىك» دەپ ماختىغان.

11‏-فېۋرال كۈنى مەكماستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇشنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە لاگېرلار ھەققىدە دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلغان. يىغىندا بىر خىتاي ئوقۇغۇچى كاشىلا چىقىرىپ، رۇقىيە تۇردۇشنى ھاقارەتلىگەن. بۇ ۋەقە خەلقئارا تاراتقۇلاردا غۇلغۇلا قوزغاپ، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئارقىسىدا تورونتودىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ قىلمىشى يەنە «كانادا خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىلمىي خادىملار جەمئىيىتى» ناملىق ئورگاننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئوتتاۋادىكى ئەلچىخانىسى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا «بىز جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇ ھەققانىي ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى قوللايمىز. ئىگىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش خەلقئارا جامائەتنىڭ ئورتاق مەيدانى. شۇنىڭدەك بۇ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ مەيدانى» دېگەن.

خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ ھەرىكىتىنى قوللىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ۋەقەنىڭ ئارقىسىدا خىتاي دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ بارلىقىنى رەت قىلغان. باياناتتا «تورونتو ۋە مەكماستېر ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بىلەن كانادادىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرىنىڭ ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. مەزكۇر ۋەقە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. د ئۇ ق 18‏-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، كانادا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا چاقىرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت