ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۈچ دۆلەت بالىلار ۋە ئاياللار ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىتتىپاقى قۇرغان

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-01-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ ئاياللار ۋە بالىلارنى قوغداش ئاكتىپلىرى بىرلىشىپ «بالىلار ۋە ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش بويىچە مەركىزى ئاسىيا بىرلەشمىسى» دېگەن نام ئاستىدا تەشكىلات قۇرغان.

پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلات ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەزكۇر ئۈچ دۆلەت پائالىيەتچىلىرىنىڭ قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە 15-18-يانۋار كۈنلىرى ئاچقان يىغىنىدا مەيدانغا كەلگەن. مەزكۇر يىغىنغا بۇ ئۈچ دولەتتىكى بالىلار ۋە ئاياللارنى قوغداش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان30 تىن ئارتۇق ئاممىۋى جەمئىيەت ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان ئىدى.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر ئۈچ دۆلەت بىرلەشمە تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك كېڭىشىگە تاجىكىستانلىق ئاياللار ھوقۇقى قوغدىغۇچىسى گۈلچېھرە راخمانوۋا رەئىسلىككە سايلانغان.

بۇ تەشكىلاتنىڭ ئالدىغا قويغان مەقسىتى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا بالىلارغا قارىتىلغان بارلىق خىلدىكى زوراۋانلىقلارنى يوقىتىش، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ، جۈملىدىن پۇقرالارنىڭ ئىقتىسادىي كاپالەتلىرى ھەم ئىمكانىيەتلىرىنى كېڭەيتىش شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە باشقىلاردىن ئىبارەت ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت