ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاھالىنىڭ كۆپىيىشى يۇقىرى بولمىغان

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-01-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر تورى دۇنيا بانكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە باشقا مەنبەلەر ئاساسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ 1926-يىلىدىن تاكى ھازىرغىچە بولغان 90 يىل جەريانىدىكى ئاھالە سانىدىكى ئۆزگىرىشنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، تۇنجى قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقى 1926-يىلى پۈتۈن سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بويىچە نوپۇس تەكۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۆز تەۋەسىدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ سانىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

1926-يىلىدىكى تەكشۈرۈشتە، ئۆزبېكىستان ئاھالىسى، 4.7 مىليون بولغان بولسا، ھازىر 32 مىليونغا كۆپىيىپ يەتتە ھەسسە ئاشقان، تاجىكىستان نوپۇسى 8 ھەسسە ئاشقان، يەنى ئەينى ۋاقىتتىكى بىر مىليوندىن 8.5 مىليونغا، قىرغىزىستان 6 ھەسسە، يەنى بىر مىليوندىن 6 مىليونغا كۆپەيگەن. قازاقىستاننىڭ نوپۇس جەھەتتە ئۆسۈشى ئەڭ ئاستا بولغان. 1926-يىلى قازاقىستاندا 6 مىليون ئادەم ياشىغان ئىكەن.

1937-يىلىدىكى ۋە 1959-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشتە ئاھالىنىڭ كۆپىيىشى تۆۋەن بولغان بولۇپ، مۇتەخەسىسلەر بۇنىڭ سەۋەبىنى، كوپېراتسىيەلەشتۈرۈش، كەڭ كۆلەمدىكى ئاچارچىلىق، كوللېكتىپ تەقىبلەش ۋە 1941-1945-يىللىرىدىكى سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى ھەم باشقىلارغا باغلىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت