ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا ئائىت تور بەتچىلىكى جانلانماقتا

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-11-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر ياشلىرى يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىغا، بولۇپمۇ تور سەھىپىلىرى قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە.

قازاقىستاننى مەركەز قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدا يېقىنقى ۋاقىتلاردا «ئۇيغۇر توداي»، «دوپپا لافى»، «پەرۋاز» قاتارلىق ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە ۋە يەنە بىر قىسىم ئايرىم بلوگ ھەم تور بەتلىرى مەيدانغا كېلىپ، مەزمۇن دائىرىسىنى موللاشتۇرماقتا.

««پەرۋاز» تورى مەخسۇس سەنئەتكە بېغىشلانغان بولۇپ، بۇ توردا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى داڭلىق ناخشا چولپانلىرى، مۇزىكانتلىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قىسىم سەنئەتكاتلار ئۈچۈن مەخسۇس سەھىپىلەر ئاجرىتىلغان.

«ئۇيغۇر توداي» تورى، خەۋەرلەردىن باشقا يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا ئائىت ئەڭ مول مەزمۇنلار بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، كۆپ ساندىكى ئىلمىي ماقالىلارغا ئورۇن بېرىلگەن.

«دوپپا لايفى» يېقىندا باشلانغان تور بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخى تېمىلىرىغا ئائىتتۇر.

بۇنىڭدا يەنە تارىختىكى مەشھۇر ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋە ھازىرقى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ئۈچۈنمۇ مەخسۇس سەھىپە ئاجرىتىلغان.

يۇقىرىدىكى تور بەتلەردىكى ئەسەرلەر، خەۋەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى رۇس تىلىدا بولۇپ، روشەنكى رۇس تىللىق ئوقۇرممەنلەرنى ئاساسىي نىشان قىلغان.

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى تەرىپىدىن ئەڭ بۇرۇن تارقىتىلغنا«ئۇيغۇر نارود» تورى ھازىرمۇ مەۋجۇت بولۇپ، بۇ تورنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىغا ئون نەچچە يىل بولدى.

ئەلۋەتتە، يۇقىرقى ئۇنىۋەرسال تور بەتلەردىن باشقا يەنە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى جەميەتلىرىدىنن «ئىنايەت» فوندى ھەمدە جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى ۋە باشقا ئورۇن ھەم جەمىيەتلەرنىڭمۇ تور سەھىپىلىرى مەۋجۇتتۇر.

ئالمۇتادىكى بىر ئۇيغۇر مۇتەخخەسىسنىڭ ئېيتىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى، سەنئىتى ۋە مىللىي كىملىكىگە ئائىت ماقالىلار ۋە ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىش چەكلىمە ياكى نازارەت قىلىشقا ئۇچرىمايدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت