«ئەركىن ياۋروپا رادىيوسى»: ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى خىتايغا نېمىشقا سۈكۈت قىلىدۇ؟

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-09-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

22-سېنتەبىر «ئەركىن ياۋروپا رادىيوسى» نىڭ تورىدا «ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە نېمىشقا سۈكۈت قىلىدۇ؟» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان رەھىمسىز قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە سۈكۈت قىلىشىنىڭ تارىخىي ۋە سىياسىي سەۋەبلىرى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنغان. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانلار بۇ مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ. ھازىر خىتاي ‹شىنجاڭ› دەپ ئاتاۋاتقان رايون بىلەن قازاقىستان، قىرغىزىستان ئەللىرىنىڭ مىڭ يىللىق سودا ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسى بار. بىر دۆلەتتە زور ۋەقە يۈز بەرسە، يەنە بىر دۆلەتكە تەسىر قىلماسلىقى مۇمكىن ئەمەس.»

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، سوۋېت پارچىلانغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ناھايىتى جانلانغان. خىتاي بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ، 1996-يىل 4-ئايدا شاڭخەيدە قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە رۇسىيە بىلەن چېگرا شەرتنامىسى ئىمزالىغان. بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە ياردەم بەرمەيدىغان بولغان. ئارقىدىنلا «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» قۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتۇش ۋە باستۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىغان. قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر ئىنقىلاپچىلىرىنى باستۇرۇپلا قالماي، ھەتتا ئۇلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ھەر قانچە قىلسىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئۆزىنى قاچۇرالماي كەلگەن. 2000-يىلدىن كېيىن خىتاي بۇ دۆلەتلەرگە زور مىقداردا مەبلەغ سالغان، 2008-يىلى دۇنيادا ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بەرگەندە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا تايىنىپ مەزمۇت تۇرالىغان. خىتاي 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەۋجىگە چىقارغاندا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى كۆرمەسكە سالغان، ئەمما لاگېرغا سولانغان، قىينالغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئىچىدە نەچچە مىڭلىغان قازاق، قىرغىزلارنىڭمۇ بارلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان. قازاقىستاندىكى «ئاتا يۇرت تەشكىلاتى» نىڭ سابىق باشلىقى سېرىكجان بىلاشئوغلى قازاقلارنى قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلاپ، ھۆكۈمەتكە بېسىم پەيدا قىلغان. نۆۋەتتە قازاقىستان ۋە قىرغىزىسىتان ھۆكۈمەتلىرى ئۆز خەلقىنىڭ نارازىلىقىغا دۇچ كېلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى جىنايىتىگە قارشى پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە داۋاملىق مەجبۇر بولماقتا. ماقالىدە «بۇ ئەھۋال، بۇ ياقتا قېرىندىشى بالاغا يولۇقسا، ئۇ ياقتىكى قېرىندىشىنىڭ قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىدەك قانۇنىيەتنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،» دېيىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت