ئۆزبەكلەر بىلەن تاجىكلار ئارىسىدىكى 18 يىللىق سوغۇقچىلىق ئېرىشكە باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018-03-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كونا دىكتاتورى دەپ تەنقىد قىلىنغان مەرھۇم ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف 18 يىل زىيارەت قىلمىغان شۇنىڭدەك دائىم سوغۇق مۇئامىلە قىلغان تاجىكىستانغا يېڭى پرېزىدېنت شاۋكەت مىرزىيويېف قەدەم تەشرىپ قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بىراقلا 30 غا يېقىن ھەر خىل كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان.

شاۋكەت مىرزىيويېف 9-مارت كۈنى تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىگە يېتىپ كېلىپ ئۆز رەسمىي زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇنى تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخمان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىۋاسىتە ئايروپورتقا چىقىپ قارشى ئالغان. تاجىكىستان تەرەپ مىرزىيويېفنى ئەڭ يۇقىرى قىزغىنلىقتا كۈتۈۋالغان بولۇپ 12 مىڭ نەپەر ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قوللىرىدا ئۆزبېكىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، يول ئۈستىدە قاتار تۇرۇپ ئۇنى قارشى ئالغان.

ئوتتۇرا ئاسىيا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپ ئۆز دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى بىراقلا ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن شۇنىڭدەك يەنە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 30 كۈن ۋىزىسىز بېرىپ-كېلىش يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. نەتىجىدە، يىللاردىن بۇيان تاقاپ قويۇلغان ئۆزبېك-تاجىك چېگراسىدىكى 9 ئۆتكەل ئېچىۋېتىلگەن. 

ئىسلام كەرىموف 2000-يىلى بىر قېتىم تاجىكىستاننى زىيارەت قىلغان ۋە ئىمامئەلى راخمانمۇ بىر قېتىم ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن مەزكۇر ئىككى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتى ئارىسىدىكى ئالىي دەرىجىلىكلەر زىيارىتى توختىغان شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىرىمۇ ناچارلاشقان. ھەتتا تاجىكىستان رۇسىيەنىڭ مەبلىغى بىلەن روگۇن سۇ توسمىسىنى ياساپ ئامۇ دەرياسىنىڭ سۈيىنى بوغىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزبېكىستانغا تەھدىت سالغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىسلام كەرىموف ئوتتۇرا ئاسىيادا سۇ ئۇرۇشى پارتلايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

نۆۋەتتە، مىرزىيويېف بارلىق قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش ھەم تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش شوئارى قوللىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

تولۇق بەت