ئۆزبېكىستاندا دىپلوماتىيە ئىشلىرىدا مىللىي تىلنى كۈچەيتىش تەشەببۇس قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018-01-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆزبېكىستاننى 26 يىل ئىدارە قىلغان پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف ۋاپاتىدىن كېيىن سايلام ئارقىلىق پرېزىدېنتلىق ئورنىغا چىققان شاۋكەت مىرزايېف قىسقىغىنا ئىككى يىلدىن بۇيان ئۆزبېكىستاندا بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

ئۆزبېكىستاننىڭ رايوندىكى ۋە خەلقئارادىكى ئوبرازىنى تىكلەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان شاۋكەت مىرزىيايېف نۆۋەتتە يەنە ئىچكى ئىسلاھاتلار قاتارىدا ئۆزبېك مىللىي كىملىكى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى كۈچەيتىشكىمۇ تىرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئۆزبېكىستان تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پرېزىدېنت شاۋكەت مىرزىيايېف ئۆزبېك تىلىنى بارلىق ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن باشقا يەنە دىپلوماتىيە ساھەسىدىمۇ ئاساسلىق تىل قىلىش ۋە ھەر قانداق دىپلوماتىيە خادىمى، چەتئەللەردىكى باش ئەلچىلەرنىڭ چوقۇم ئۆزبېك تىلىنى مۇكەممەل بىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ جەنۇبى كورېيەگە ئۆزبېك تىلىنى مۇكەممەل بىلگەن بىر رۇس كىشىنى باش ئەلچىلىككە تەيىنلىگەن. ئۇ: «ماڭا ۋەتەننى سۆيگەن ئادەم كېرەك، ئەلىشىر ناۋايىنى بىلگەن ئادەم كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

سوۋېت دەۋرىدە رۇس تىلىنىڭ ئالاھىدە سالاھىيىتى ۋە رۇسلاشتۇرۇش سىياسىتى تۈپەيلىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە رۇس تىللىق مائارىپ ۋە رۇس تىلىنىڭ ئومۇملىشىشى كۈچەيگەن بولۇپ، بارلىق ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىدە پۈتۈنلەي رۇس تىلى قوللىنىلغان ئىدى.

قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، قەدەممۇ-قەدەم ئۆز مىللىي تىللىرىنى دۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتىپ، ئومۇملاشتۇرۇشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، بىراق سوۋېت دەۋرىدە رۇس تىلىدا مائارىپ تەربىيەسى ئالغان زور ساندىكى ئوتتۇرا ياشتىكى كىشىلەر نۆۋەتتە ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان بولغاچقا، مەزكۇر تىللارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىدە ئىشلىنىشى راۋان بولمىغان ئىدى.

يېقىندا قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بولسا بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ قىرغىز تىلىنى بىلىشى، بىلمىگەنلەرنىڭ چوقۇم ئۆگىنىشى ھەققىدە قانۇن چىقارغان. قازاقىستانمۇ بىر قىسىم چارىلەرنى قوللانغان ئىدى.

ئۆزبېك تىلى ۋە مەدەنىيىتى تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلار بىلەن ناھايىتى يېقىن ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرلار ئۆزبېكىستاندىكى بۇ ئەھۋاللارغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت