ئۆزبېكىستانلىقلار ئۆزبېك ئۆكتىچىلىرىنىڭ ۋەتىنىگە قايتىشىنى كۈتمەكتە

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018-03-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى چەتئەللەردىكى ئۆزبېك ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋەتىنىگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلىشى مۇمكىنمۇ؟ دېگەن سوئاللار دىكتاتورلۇقتا ئەيىبلەنگەن ئىسلام كەرىموفنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنكى يېڭى پرېزىدېنت شاۋكەت مىرزىيويېف باشلىغان ئىسلاھاتلار جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازى ئۆزبېك بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئۆزبېكىستان خەلق يازغۇچىلىرى، شائىرلىرى، داڭلىق ئەدەبىياتچىلىرى، جامائەتچىلىك ۋەكىللىرىدىن بولۇپ، 450 تىن ئارتۇق ئادەم ئىمزا قويۇپ، پرېزىدېنت شاۋكەت مىرزىيويېفقا 20 نەچچە يىللاردىن بۇيان چەتئەلدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئاتاقلىق ئۆزبېك شائىرى ۋە ئۆكتىچى رەھبىرى مۇھەممەد سالىھنىڭ ۋەتىنىگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلىشى ھەققىدىكى مۇراجىئەتنامىنى تاپشۇرغان.

يېقىندا بولسا، ئۆزبېكىستاننىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسى تۈركىيەدىكى مۇخالىفەت ئۆزبېك تەشكىلاتى «تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئىبارەت بىر گۇرۇپپا بىلەن كۆرۈشۈپ، سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ھەمدە چەتئەللەردىكى ئۆزبېك ئۆكتىچىلىرىنىڭ ۋەتىنىگە قايتىشى مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان. ئەلۋەتتە، پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف دەۋرىدە چەتئەللەردىكى ئۆزبېكىستان ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئۆكتىچىلەر بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئىسلام كەرىموف تۈزۈمىدىن نارازى بولۇپ ۋە ئۇنىڭ تەقىبلىشىدىن قۇتۇلۇپ چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاپ پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۆكتىچىلەر تۈركىيە، ياۋروپا ئەللىرى ۋە ئامېرىكىغا تارقالغان بولۇپ، مۇھەممەد سالىھ قاتارلىقلارنىڭ نامى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزبېكىستاندا كەڭ تونۇلغان ئىدى.

تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردىكى ئۆزبېك ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي دەۋا پائالىيەتلىرىنىمۇ ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

تولۇق بەت