ئۆزبېكىستاننىڭ 27 يىللىق دىكتاتور پرېزىدېنتى كەرىموف ئۆلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-09-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆزبېكىستاننى 27 يىلدىن بۇيان قاتتىق قوللۇق بىلەن سوراپ كەلگەن 78 ياشلىق پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف ئۆلگەن. كەرىموف ئۆتكەن شەنبە كۈنى مېڭىسىگە قان چۈشۈپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان.

چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىپلوماتىك مەنبەلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، كەرىموف 32 مىليون نوپۇسلۇق ئۆزبېكىستاننى سوراشقا ھېچقانداق ۋارىس قالدۇرمىغان. جۈمە كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن بىر دىپلوماتىك مەنبە، « راست، ئۇ ئۆلدى» دېگەن.

ئەمما ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىپ باقمىدى. 1989‏- يىلى ئۆزبېكىستان كوممۇنىستىك پارتىيەسى باش سېكرېتارلىقىغا ئولتۇرغان كەرىموف، 1991‏-يىلدىن بېرى مۇستەقىل ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتلىقىنى ئاتقۇرۇپ كەلگەن.

ئەمما ئۇ، پرېزىدېنتلىق دەۋرىدە ئىزچىل غەرب كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۆزبېكىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. نۆۋەتتە ئۇنىڭغا كىمنىڭ ۋارىسلىق قىلىشى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان.

رويتېرسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭغا كىمنىڭ ۋارىسلىق قىلىشىنى ھاكىمىيەت بېشىدىكى گۇرۇھلار ۋە بەزى ئائىلىلەر بەلگىلىشى مۇمكىن. خەۋەردە، ئەگەر ئۇلار مۇرەسسە قىلماي ئوچۇق -ئاشكارا قارشىلىشىش يولىغا ماڭسا، ئۆزبېكىستاندا زور قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت