شاۋكەت مىرزايېف ئۆزبېكىستاننىڭ ئۆتكۈنچى پرېزىدېنتى قىلىپ بەلگىلەنگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-09-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستان پارلامېنتى باش مىنىستىر شاۋكەت مىرزىيېفنى ئۆزبېكىستاننىڭ ئۆتكۈنچى پرېزىدېنتى قىلىپ تەيىنلىگەن. بۇ خەۋەرنى پارلامېنتنىڭ تەستىق ھۆججىتىنى كۆرگەن بىر كىشى تەمىنلىگەن.

رويتېرسنىڭ ئېيتىشىچە، مىرزىيېف بۇ ھەپتە بېشىدا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن ئىكەن. ئۆزبېك ئاساسىي قانۇنلىرىغا ئاساسەن ئۆزبېكىستاندا 3 ئاي ئىچىدە چوقۇم پرېزىدېنتلىق سايلىمى ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، ئەگەر شاۋكەت مىرزىيېف ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تەقدىردە ئۆزبېكىستاننىڭ سىياسىي يۆنىلىشىدە زور بىر ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتىكەن.

ئۆزبېكىستاننى 27 يىلدىن بېرى ئىدارە قىلىپ كەلگەن ئىسلام كېرىموف ئالدىنقى ھەپتە 78 يېشىدا كېسەللىك سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئورنىغا كىمنىڭ ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقى دىققەت قىلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت