رۇسىيە: كەرىموفنىڭ ئۆلۈمى ئۆزبېكىستان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنىڭ ۋەزىيىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەيدۇ

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-09-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۆزبېكىستان ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق سەلبىي ئەھۋال كۆرۈلمىگەنلىكى ۋە پرېزىدېنت كەرىموفنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ۋەزىيەتكە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رۇسىيە خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە مەزكۇر بىلدۈرۈشنى رۇسىيە پرېزىدېنتىنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسى بويىچە ۋەكىلى، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى زامىر كابۇلۇپ ئېيتقان.

ئۇ، «مېنىڭچە بۇ، ئۆزبېكىستان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنىڭ ھەربىي سىياسىي ۋەزىيىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەيدۇ» دېگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسلام كەرىموفنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۆزبېكىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ ناچارلىشىدىغانلىقى ۋە ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ ۋەزىيەتنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنغان ئىدى. ئەمما، ھازىرقى ئۆزبېكىستان رەھبەرلىكى ۋەزىيەتنى كونتروللۇق ئاستىغا ئالدى.

مەلۇمكى، 2-سېنتەبىر كۈنى ئۆزبېكىستاننى 27 يىل ئىدارە قىلغان ئىسلام كەرىموف ئۆلگەندىن كېيىن ئۆزبېكىستاننىڭ تەقدىرى ھەققىدە ھەر خىل قىياسلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان ئىدى. نۆۋەتتە، بۇ دۆلەتنى باش مىنسىتىر شاۋكەت مىرزايېف ئىدارە قىلىۋاتقان بولۇپ، 5- سېنتەبىر كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن سەمەرقەنتكە كېلىپ، كەرىموفنىڭ قەبرىسىنى يوقلىغان ھەمدە شاۋكەت مىرزايېف بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا رۇسىيە بىلەن ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. نۆۋەتتە، شاۋكەت مىرزايېفنىڭ رۇسىيە بىلەن ئالاھىدە يېقىن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدىغانلىقى تەھلىل قىلىنماقتا. ئۆزبېكىستاندا 4-دېكابىر كۈنى پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

پەرغانە تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكىستاندىكى يېڭى بىر چوڭ مەسچىتكە ئىسلام كەرىموفنىڭ نامى بېرىلىپ، « ئىسلام ئاتا مەسچىتى» دەپ ئاتىلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت