پاكىستان ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمەتلىرى تورخام چېگرا ئېغىزىنى قايتا ئاچتى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016-06-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


پاكىستان ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمەتلىرى قىسقا قانلىق توقۇنۇشتىن كېيىن تاقاپ قويۇلغان تورخام چېگرا ئېغىزىنى 18 - ئىيۇن قايتا ئاچتى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پاكىستان ھۆكۈمىتى چېگرا بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش، ئافغانىستاندىن كېلىدىغان قوراللىق ھۇجۇمچىلارنى توسۇش مەقسىتىدە مەزكۇر چېگرا ئېغىزىدا توسۇق قۇرۇشنى پىلان قىلغانلىقى ئۈچۈن، 12 - ئىيۇن ئىككى تەرەپ چېگرا قوغدىغۇچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

ئەنگلىيەدىن چىقىدىغان «كۈندىلىك مەكتۇپلار» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، توقۇنۇشتا ئىككى تەرەپتىن ئاز دېگەندە 3 ئادەم ئۆلگەن، 23 ئادەم يارىلانغان.

شۇنىڭدىن باشلاپ مەزكۇر ئۆتكەل بىر ھەپتىگە يېقىن تاقاپ قويۇلغان، نەتىجىدە ئىككىلا تەرەپتىن بىر نەچچە مىڭ ئادەم ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرى توسۇلۇپ قالغان ئىدى.

جۈمە كۈنى ئىككى تەرەپ ئارىسىدا مەزكۇر تېمىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن چېگرا شەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئېچىلغان.

تورخام چېگرا ئېغىزى ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرىنى پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد شەھىرىگە بىۋاسىتە تۇتاشتۇرىدىغان يول ئېغىزلىرىدىن بىرى.

CNN نىڭ نەقىل قىلىشىچە، ئافغانىستاننىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فەيسبوكتا ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا ئەگەر پاكىستان تورخام چېگراسىغا ياساۋاتقان قۇرۇلۇشنى توختاتمىسا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر چېگرا ئېغىزى 1893 - يىلى برىتانىيە ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن سىزىلغان 800 كىلومېتىرلىق «دۇراند سىزىقى» ئۈستىگە جايلاشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ چېگرا «پاكىستاننىڭ غەربىي چېگراسى» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان بولسىمۇ، نۆۋەتتىكى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى چېگرا سىزىقىنى ئېتىراپ قىلماي كەلمەكتە ئىكەن.

شۇ ۋەجىدىن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى پاكىستاننىڭ مەزكۇر چېگراغا ئۆز ئالدىغا توسۇق سېلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت